ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

مەدەنىيەتنىڭ ئىجادىي ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتىگە قاراپ قەدەم تاشلايلى

− پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى نەتىجىلىرى توغرىسىدا مۇلاھىزە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى

2017.08.11 12:49 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، تەشۋىقات، مەدەنىيەت سېپىدىكىلەر ئىسلاھات بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، كۈچنى «تۆت لىم، سەككىز تۈۋرۈك»كە مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدىن چوڭقۇر كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىدىغان بىر تۈركۈم يول ئېچىش خاراكتېرلىك، يېتەكچى خاراكتېرلىك، بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئاساسىي رامكىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈردى، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىجادىي ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپى تەرەققىياتىنىڭ گۈللىنىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

    باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يېتەكچى قىلىنىپ، ئىسلاھاتنىڭ توغرا يۆنىلىشى پۇختا ئىگىلىنىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىي رامكىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى

  دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇساپىسىدە باش شۇجى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، مەدەنىيەت ئىسلاھاتى تەرەققىياتىدىكى بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەرنى چوڭقۇر شەرھلىدى.

  − مەدەنىيەت ئىشەنچى تېخىمۇ ئاساسىي، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ چوڭقۇر ئىشەنچ، شۇنداقلا تېخىمۇ ئاساسلىق، تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان كۈچ؛

  − ئەسلىنى ئۇنتۇماي، سىرتتىن قوبۇل قىلىش، كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا ئۆزگەرتىش، ئۆگىنىش داۋامىدا ھالقىش كېرەك؛

  − مۇنەۋۋەر، ئەنئەنىۋى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قېزىش ۋە شەرھلەشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئۆزگەرتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛

  − سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سىستېمىسى، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتلىك كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، مەدەنىيەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە مەدەنىيەت ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋى جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى، زامانىۋى مەدەنىيەت بازىرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋى مەدەنىيەت بازىرى سىستېمىسى ئارقىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ زور تەرەققىياتى ۋە زور گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛

  − ئىدېئولوگىيە خاسلىقى ۋە كەسىپ خاسلىقى، ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىدە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى باشتىن- ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. مەيلى نېمىنى ئىسلاھ قىلىش، قانداق ئىسلاھ قىلىش بولسۇن، يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىشكە، بازىنى يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ.

  ...

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانىدا پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلىگەنلىكى نامايان قىلىندى، ماركسىزملىق مەدەنىيەت نەزەرىيەسى بېيىتىلدى ۋە راۋاجلاندۇرۇلدى، ئۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى ۋە ئۇنى قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  تەشۋىقات، مەدەنىيەت تارماقلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلمىي پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم لايىھەسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مۇھىم سۆزنى ئىسلاھاتنىڭ نىشان تەپەككۇرى ۋە ۋەزىپە تەدبىرىگە ھەقىقىي ئايلاندۇردى. «مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»، «دۆلەتنىڭ <13- بەش يىل> مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت تەرەققىيات ئىسلاھاتى پىلان پىروگراممىسى»نى تۈزۈپ، «ئىككى ئۈنۈم»نى بىرلىككە كەلتۈرۈش، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى، ئالاھىدە باشقۇرۇش پېيىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش، ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ مۇخبىرلىق، تەھرىرلىك، ئاڭلىتىشنى باشقۇرۇش، كادىر باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتى، مۇخبىرلىق، تەھرىرلىك ۋە تىجارەتنى ئايرىش، ئەدەبىيات- سەنئەتنى باھالاش- مۇكاپاتلاش ئىسلاھاتى، زامانىۋى جامائەت مەدەنىيىتى مۇلازىمىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش، خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى قاتارلىق 40 نەچچە ئىسلاھات ھۆججىتى چىقىرىپ، ئىسلاھات يول خەرىتىسى، ۋاقىت جەدۋىلى، ۋەزىپىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت تۈزۈمى سىستېمىسىنىڭ «لىم»ى ۋە «تۈۋرۈك»ىنى بەرپا قىلدى. مۇشۇ ئاساستا ۋەزىپە دەپتىرى تەسىس قىلىپ، تەكشۈرۈش ۋە ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈش ئەھۋالىدىن ئايدا بىر قېتىم ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھەر پەسىلدە بىر قېتىم تەكشۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، ۋاقتىدا تۈزىتىپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. ھازىرغىچە ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-، 5-، 6- ئومۇمىي يىغىنلىرىدا بېكىتىلگەن 104 تۈرلۈك مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋەزىپىسىنىڭ 97سى ئورۇندالدى، قالغان يەتتە تۈرى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ.

    ئىجتىمائىي ئۈنۈم باشتىن- ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈم بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان تۈزۈلمە- مېخانىزم ئورنىتىلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى

  ئىجتىمائىي ئۈنۈم بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش − سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى شارائىتىدىكى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا باشتىن- ئاخىر ياخشى ئىگىلەشكە تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە. بىر ئاساسىي لىنىيە ئىسلاھاتنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا چېتىلغاچقا، مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى ۋە فۇنكسىيەلىك ئورۇننى بېكىتىش تولۇق ئويلىشىلىپ، مەدەنىيەتنى ماكرولۇق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە مىكرولۇق ھەرىكەت مېخانىزمى ئىسلاھاتى بىر تۇتاش پىلانلاندى، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئىجتىمائىي ئۈنۈم بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرىدىغان تۈزۈلمە- مېخانىزم تىرىشىپ بەرپا قىلىندى.

  − مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «دۆلەت مەدەنىيەت كارخانىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، «ئىجتىمائىي ئۈنۈم كۆرسەتكۈچىنى باھالاش ھوقۇقى سالمىقى %50تىن كۆپرەكنى ئىگىلەش»، «پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش، تەشۋىقات تارماقلىرى ئۈنۈملۈك يېتەكچىلىك قىلىش»تەك دۆلەت مەدەنىيەت مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش قاتارلىق مۇھىم تەدبىرلەرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئىككى ئۈنۈم»نى بىرلىككە كەلتۈرۈش پىرىنسىپى تەلىپىنى كونكرېت تۈزۈم لايىھەسىگە ئايلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت مەدەنىيەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى تۈرلەرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ئىلكىدىكى پېيى كونترول قىلىنىدىغان، پاي چېكى بازارغا سېلىنىدىغان شىركەتلەرنىڭ پاي ھوقۇقىنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى مەدەنىيەت كارخانىلىرى كەسپىي دىرېكتورلار تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى ئورنىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدەندى.

  «جۇڭنەن» تاراتقۇ گۇرۇھى شىركىتى ھەم ھاياتىي كۈچكە ئىگە، ھەم توغرا يولدا ماڭالايدىغان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەخسۇس باھالاش چارىسىنى يولغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىغا بىۋاسىتە چېتىلىدىغان باھالاش مەزمۇنلىرىدا ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى تەكىتلەش ۋە ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچ تەلىپىنى يېنىكلىتىشنى گەۋدىلەندۈردى. جۇڭگو نەشرىيات گۇرۇھى توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش، دۆلەت بۇرچىنى ئادا قىلىش، مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىنى زورايتىش بىلەن تۈزۈم ، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى باھالاشنىڭ «تۆت 1- دەرىجىلىك كۆرسەتكۈچ»ىنى بېكىتىپ، ئاساسىي تېما نەشرىياتچىلىقىنى كۈچەيتتى ۋە جانلاندۇردى، تىجارەت كىرىمى، ئومۇمىي مۈلكى، ساپ مۈلكى 10 مىليارد يۈەنلىك ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

  − مىقدارلاشتۇرۇش، مەشغۇلاتچانلاشتۇرۇشنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى باھالاش كۆرسەتكۈچى ئۈستىدە ئىزدىنىلدى. بېيجىڭ، شاڭخەي، ئەنخۇي، فۇجيەن، خۇبېي، يۈننەن، شەنشىدىن ئىبارەت يەتتە ئۆلكە، شەھەر ۋە بېيجىڭدىكى قىسمەن نەشرىياتلار ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى باھالاشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ساھەلەر بويىچە قانات يايدۇردى. نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ئۆلكىلەرنىڭ بىرى بولغان ئەنخۇي ئۆلكىسى «ئىككى ئۈنۈم» نەتىجىسىنى باھالاش مېخانىزمىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىشى، جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئىجتىمائىي ئۈنۈم كۆرسەتكۈچىنى باھالاش مەزمۇنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، نومۇر قىممىتى تەسىس قىلماي، ئېغىر مەسىلىلەر كۆرۈلسە «بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش»نى يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت كارخانىلىرى مەسئۇللىرىنىڭ ئىش ھەققى بىلەن ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى تەڭ ئۆرلىتىپ، تەڭ چۈشۈردى.

  − «تور مەزمۇنى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تۈزۈپ، تورنى نەزەرىيە تارقىتىش، ئاخبارات تارقىتىش، مەدەنىيەت تارقىتىش بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تور مەدەنىيىتىنى ساغلام تەرەققىيات يولىغا يېتەكلەشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تور بوشلۇقى ئاكتىپ كۈچىنى ئەڭ زور چەكتە ئۇرغۇتتى. ئالاھىدە باشقۇرۇش پېيى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇرلىرى مۇلازىمىتى، تور ئۈن- سىنى، تور نەشرى قاتارلىق ساھەلەردە نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇن رامكىسىدىكى ئالاقە تورى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كارخانىلىرىنى يېتەكلەش- باشقۇرۇشنىڭ ئاساسىي تۈزۈم جايلىشىشىنى شەكىللەندۈردى.

  − «مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى تىجارەت خاراكتېرلىك مەدەنىيەت كەسپىي ئورۇنلىرى تۈزۈلمىسىنى كارخانىغا ئۆزگەرتىش ۋە مەدەنىيەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ قوللاشقا دائىر ئىككى بەلگىلىمىنى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» قاتارلىق بىر قاتار سىياسەت خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى تۈزدى، ھازىر ئۇنىۋېرسال، مەخسۇس ھۆججەت 30 دىن ئاشتى، بۇ ھۆججەتلەر مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئۇنىۋېرسال يانداش سىياسەتلىرى ۋە كىنو، تىياتىر- ئەلنەغمە، نەشرىيات، كىتابخانا، كارتون، كىچىك ۋە مىكرو كارخانا، تاشقى مەدەنىيەت سودىسى قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، «ئىككى ئۈنۈم»نى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق مەدەنىيەت، ئىقتىساد، سىياسەت رامكىسى بەرپا قىلىندى.

  مەدەنىيەتكە دائىر قانۇن چىقىرىش قەدىمى تېزلىتىلىپ، «تور بىخەتەرلىكى قانۇنى»، «كىنو كەسپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»، «جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» يېڭىدىن تۈزۈلۈپ ئېلان قىلىنىپ، ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى قانۇن ئەسلىدىكى تۆتتىن يەتتىگە كۆپەيتىلدى.

    تاراتقۇلارنىڭ تەرەققىيات يېڭى يۈزلىنىشى ئىگىلىنىپ، توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرىدىغان، يۇغۇرما تەرەققىياتقا ماس كېلىدىغان تاراتقۇلار تارقىتىش ئەندىزىسى بەرپا قىلىندى

  تاراتقۇ ئەندىزىسىنى چوڭقۇر تەڭشەش ۋە جامائەت پىكرى ئېكولوگىيەسىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىش يېڭى ۋەزىيىتىگە پائال ماسلاشقان ھالدا پارتىيە تاراتقۇلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئاخبارات تارقىتىش قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىنىپ، ئۇسۇل ۋە ۋاسىتىلەردە يېڭىلىق يارىتىلىپ، زامانىۋى تارقىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش تېزلىتىلىپ، ئاخبارات جامائەت پىكرىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى ۋە ئىناۋىتى ئۆستۈرۈلدى.

  − «ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن گۈللەنمە تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» تۈزۈلۈپ، «مەركىزىي ئاشخانا» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى باشلامچىلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى، بىر تۈركۈم يېڭىچە ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى ۋە تاراتقۇ گۇرۇھلىرى مەيدانغا كەلدى. «خەلق گېزىتى» «مەركىزىي ئاشخانا» مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، پىلانلاش، مۇخبىرلىق، تەھرىرلىك، تارقىتىش تەرتىپىنى ئۆزگەرتىپ، كەسىپتە تېخنىكىلىق يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، تاراتقۇ ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇپ، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. 2016- يىلى 12- ئايغىچە «خەلق گېزىتى»، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كىنو- مۇزىكا» تېرمىنال چۈشۈرۈش مىقدارى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 150 مىليون، 180 مىليون، 550 مىليون بولۇپ، توردا تارقىتىش كۈچى، تەسىر كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشقان.

  − ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ ئىچكى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، «ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىق، تەھرىرلىك ۋە تىجارەتنى ئايرىشنى قاتتىق يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» تۈزۈلۈپ، مۇخبىرلىق، تەھرىرلىك ۋە تىجارەتنى ئايرىش قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، تىجارەت ھەرىكىتى بىلەن ئاخبارات خەۋىرىنى بىر- بىرىگە باغلاش قاتتىق چەكلەندى. ئاخبارات ئالدامچىلىقى ۋە يالغان خەۋەرگە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاخبارات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنىڭ كەسپىي ھەرىكىتى ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش قېلىپلاشتۇرۇلدى، مەركەزدىكى ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ يەرلىكتە تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرى ئېنىقلىنىپ ۋە تەرتىپكە سېلىنىپ، يەرلىكتە تۇرۇشلۇق 1181 ئاپپارات ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ۋە بىرلەشتۈرۈلۈپ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان 1435 كىشى ئېنىقلىنىپ ئاخبارات سېپىدىن چېكىندۈرۈلدى. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى شۆبە ئاگېنتلىقلىرى مۇخبىرلىق، تەھرىرلىك ۋە تىجارەتنى ئومۇميۈزلۈك ئايرىپ، مۇخبىرلىق، تەھرىرلىك ۋە تىجارەتنىڭ «گىرەلىشىپ كېتىش»مەسىلىسىنى ئۈزۈل- كېسىل ھەل قىلىپ، ئاخبارات خەۋەرلىرىنىڭ سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.

  − تورنى قانۇن- نىزام بويىچە باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ياخشى تور جامائەت پىكرى مۇھىتى شەكىللەندۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلدى. «تور بىخەتەرلىكى قانۇنى»، «تور ئۇچۇرىنى قوغداشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارار»، «كۆچمە ئالاقە تورىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» قاتارلىق قانۇن ۋە ھۆججەتلەر تۈزۈلۈپ يولغا قويۇلۇپ، ئالاقە تورىنى باشقۇرۇشتىكى ئۇللۇق قانۇن- نىزام ۋە قائىدە- تۈزۈملەر ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

  «ئىككى بارلىق» تەلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، «مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار ۋە تېرمىنال»نى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، تور بوشلۇقىنى ئىدارە قىلىش سالمىقى ئاشۇرۇلدى. 2016- يىلىدىن بۇيان توردىكى 18 مىليوندىن ئارتۇق شەھۋانىي، پەسكەش، چاكىنا ئۇچۇر، 9 مىليوندىن ئارتۇق ساختا ۋە يالغان ئۇچۇر، 3 مىليون 700 مىڭدىن ئارتۇق ھوقۇققا دەخلى- تەرۇز قىلىش، ئوغرى نەشرگە چېتىشلىق زىيانلىق ئۇچۇر تازىلاندى، تور بوشلۇقى تېخىمۇ پاكىز، مەزمۇنى تېخىمۇ ساغلام بولدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر