ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

تامچە كەبى ئىللىقلىققا دېڭىزدەك جاۋاب قايتۇرۇش

ناۋاي يىگىت قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا دائىم ئىسسىق نان ئاپىرىپ بەردى

2017.07.28 11:45 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز فۇ شياڭلۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا ئەھەت ئەمەت ئىسسىق ناننى «يۇڭشېڭ» مەھەللىسى جەنۇبىي 2- كوچا 5- نومۇرلۇق قورۇدىكى ليۇ شېڭچياۋنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، يولدىكى كىشىلەر: ئەھەت ئەمەت يەنە ليۇ ئانىغا نان ئاپىرىپ بېرىۋاتامسەن؟ دەپ سورىدى، ئۇ: ھەئە، بايىلا قومۇرغان نان ئىدى، ئىسسىقىدا ئۇنىڭغا ئاپىرىپ بېرەي دەيمەن، دېدى. ئۇ بۇ يىل كۈزگىچە مەھەللىدىكى يېتىم- يېسىرلار، ياشانغانلار ۋە مېيىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا يەنە 1000 نان ئاپىرىپ بېرىشنى پىلانلىدى.
  ناۋاي ئەھەت ئەمەت ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) دوستلۇق يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى «يۇڭشېڭ» مەھەللىسىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ «ئوتتۇرا ئاسىيا» يولىدا ناۋايلىق قىلىۋاتقىنىغا سەككىز يىلدىن ئاشتى.
  مەھەللە ئاھالىسى رۇڭ خەييەن ماڭا ئۇنى ماختاپ بېرىپ: بۇ يىگىت بەك چىقىشقاق، كىشىلەرگە ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ، ھۈنىرىمۇ ياخشى، ئۇ ياققان پىيازلىق نان يۇمشاق، تەملىك، ئۇ ياققان ناننى تاۋۇز بىلەن يېسە، بەك يېيىشلىك بولىدۇ، دېدى.
  ئەھەت ئەمەت ماڭا مۇنداق دېدى: سەككىز يىل بۇرۇن قەشقەردىن ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)غا كەلگەنىدىم، ئۇ چاغدا ھۈنەرسىز بولغاچقا، تۇرمۇشۇم ئىنتايىن قىيىنچىلىقتا ئۆتەتتى. شۇ چاغدا مەن ئۆيىنى ئىجارىگە ئالغان ئۆي ئىگىسىنىڭ بىر ئاشخانىسى ۋە ناۋايخانىسى بار ئىدى. ئۇ مېنىڭ تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىمنى كۆرۈپ، ناۋايلىقنى ئۆگەتكەن.
  مۇشۇ يىللاردا، ھۈنەرسىز يىگىت ئۇستا ناۋاي بولدى ھەم مەھەللىنىڭ ۋە قوشنىلارنىڭ ياردەم بېرىشى بىلەن، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولىنى تاپتى.
  ئەھەت ئەمەت مۇنداق دېدى: ئۆز ۋاقتىدا كۆپچىلىك ماڭا خالىس ياردەم بەرگەن، ھازىر سودام بارغانسېرى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، شۇڭا كۆپچىلىككە بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشنى ئويلىدىم. ئەھەت ئەمەت تۇرمۇشى ياخشىلانغاندىن كىيىن، مەھەللىدە تۇرمۇشتا قىينىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلىپ، ئۇلارغا ياردەم بەرمەكچى بولدى.
  ليۇ شېڭچياۋنىڭ بالىسى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكىدە ئىشلەۋاتقان بولغاچقا، ئادەتتە ئۇ ئۆيىدە يالغۇز تۇراتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سالامەتلىكى تازا ياخشى بولمىغاچقا، تالاغا ئاز چىقاتتى. ئەھەت ئەمەت ليۇ ئانىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا دائىم تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئەكىلىپ بېرىدىغان بولدى. ئۇ ليۇ ئانىنىڭ ئۆزى ياققان ناننى يېيىشكە ئامراق ئىكەنلىكىنى بىلىپ، نەچچە كۈندە بىر قېتىم ئۇنىڭغا ئىسسىق نان ئاپىرىپ بېرىدىغان بولدى.
  ليۇ ئانا ھەر قېتىم ئەھەت ئەمەتنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: ياخشى يىگىت، مېنى دائىم يوقلاپ تۇرغىنىڭغا رەھمەت! دەيتتى.
  بەزىلەر ئەھەت ئەمەتتىن: سەن بۇنچە كۆپ ناننى سوۋغا قىلساڭ، بۇنىڭ پۇلى قانچىلىك بولىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ كۈلۈمسىرەپلا قوياتتى. ئەھەت ئەمەت ناننىڭ قىممىتى چەكلىك بولغان بىلەن، مېھىر- مۇھەببەتنىڭ قىممىتى چەكسىز بولىدۇ، مېنىڭ ھازىرقىدەك تۇرمۇشقا ئېرىشىشىم پۈتۈنلەي مەھەللىدىكىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن بولغان، باشقىلارغا ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتىم بار، دەپ قارايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز