ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

«شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب توغرىسىدا يەشمە

ئىجتىمائىي ھوقۇقتىن تولۇق بەھرىمەن بولۇش باش نىشانغا يېتىشنىڭ كاپالىتى

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى ياڭ فۇچياڭ

2017.07.12 12:05 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئىجتىمائىي ھوقۇق − ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ھوقۇقلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا پۇقرالارنىڭ جەمئىيەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتىكى ئاساسىي ھوقۇقى. نامرات ئاھالە تۆۋەن كاپالەتتىن بەھرىلىنەلەيدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، كېسەل بولغانلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش ئادەتتىكى پۇقرالار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان يادرولۇق مەزمۇندۇر.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، سوتسىيالىستىك دۆلەت تۈزۈمى، بىرلىككە كەلگەن مەمۇرىي سىستېما شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىجتىمائىي ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىنى سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى. مەركەز ۋە ھەرقايسى قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەر شىنجاڭنى ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ ۋە مەبلەغ جەھەتتە قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىجتىمائىي ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىنى ماددىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى. بولۇپمۇ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەزنىڭ شىنجاڭنى سىياسەت جەھەتتە يۆلىشى، شىنجاڭغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك نىشانلىق ياردەم بېرىش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئۇدا بىر نەچچە يىل خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن «ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان توققۇز چوڭ قۇرۇلۇش»نىڭ يولغا قويۇلۇشى نەتىجىسىدە، خەلقنىڭ تۇرمۇشى تۈپتىن ياخشىلىنىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسى ئاشۇرۇلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىجتىمائىي ھوقۇقتىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

  ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسى پۇختا قەدەمدە ئاشۇرۇلدى. ھازىر شىنجاڭدا ياشانغاندا كۈتۈنۈش، داۋالىنىش، كۈتۈلمىگەن زەخىم سۇغۇرتىسىنىڭ قاتلىمى كۆپ، قاپلىنىش دائىرىسى كەڭ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاھالىلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولۇپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى ۋە ئالغا باسقانلىقىنىڭ روشەن بەلگىسى بولۇپ قالدى. 2016- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شەھەر- يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاساسىي سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %95تىن يۇقىرى سەۋىيەدە مۇقىملاشتى؛ 2016- يىلىغىچە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىپ، شەھەر- بازار ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 6 مىليون 875 مىڭ 500 كىشىگە يېتىپ، شەھەر- بازار نوپۇسىنىڭ يېرىمىدىن ئاشتى، يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 11 مىليون 257 مىڭ 500 كىشىگە يېتىپ، يېزا نوپۇسىنى ئاساسەن قاپلىدى؛ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى كارتا بېجىرگەن پۇقرالارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىدىكى ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بولۇپ، بۇ كارتىدىن كۆپ خىل پايدىلانغىلى، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ھازىرغا قەدەر جەمئىي 12 مىليون 70 مىڭى تارقىتىلدى، قاپلاش نىسبىتى %55.4 كە يەتتى، مۆلچەرلىنىشىچە، 2020- يىلىغا بارغاندا، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بېجىرگەنلەرنىڭ نىسبىتى %90كە يېتىدىكەن. لېكىن، شەھەر- بازارلاردىكى يەككە ئىگىلىكتىكىلەر ۋە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون بۇ ئىككى تۈردىكى كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتىسى ئاساسىي سوممىسىنى ئازايتتى. شىنجاڭدا يەنە بىر تۈرلۈك ئالاھىدە كاپالەت سىياسىتى بار، ئۇ بولسىمۇ شىنجاڭدىكى پۇقرالار كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسىدىن ھەقسىز بەھرىمەن بولىدۇ، بۇ سۇغۇرتا شىنجاڭدىكى 23 مىليون 700 مىڭ كىشىگە چېتىلىدۇ. ھازىرغا قەدەر كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسى تۆلەم سوممىسى جەمئىي 77 مىليون 43 مىڭ 600 يۈەنگە يېتىپ، 17 مىڭ 952 ئادەم (قېتىم) تۆلەم بېرىلدى؛ بۇنىڭ ئىچىدە، ئۆلۈم تۆلىمى 442 ئادەم (قېتىم) بولۇپ، 22 مىليون 100 مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىلدى؛ داۋالىنىش تۆلىمى 7413 ئادەم (قېتىم) بولۇپ، جەمئىي 53 مىليون 193 مىڭ 500 يۈەن تۆلەم بېرىلدى. پۇقرالارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى، شۇنداقلا ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ ئەڭ يادرولۇق فۇنكسىيەسى. ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ غەم- ئەندىشىسىنى تۈگىتىش ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ ئېھتىياجى بولۇپلا قالماي، يەنە ئىنسانىي ھوقۇق كاپالىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، تېخىمۇ مۇھىمى جەمئىيەتنىڭ ئالغا باسقانلىقىنىڭ ئىپادىسى.

  ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش تېز سۈرئەتتە راۋاجلاندى. ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش − تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىغان، ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان ياكى باشقا تۆۋەن كىرىملىك پۇقرالارغا ماددىي ياردەم بېرىش ياكى مەنىۋى جەھەتتە مەدەت بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش سەۋىيەسىگە كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمى بايلىق تەقسىماتىنى تەڭشەپ، ئىجتىمائىي باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق. 2016- يىلى «خەلق ئىشلىرى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يىلى» قىلىپ بېكىتىلىپ، تۈرلۈك پاناھلاندۇرۇش سىياسەتلىرى يەنىمۇ چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. 2009- يىلىغا سېلىشتۇرغاندا، 2016- يىلى شەھەر- بازارلاردىكى ئوتتۇرىچە تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى بىر قاتلاندى، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى ئۈچ ھەسسە ئاشۇرۇلدى، يېزىلاردىكى بەشتە كاپالەتلىك ئائىلىلەرنىڭ بېقىلىش ئۆلچىمىمۇ بىر قاتلاندى. ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمى تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتۇرۇلۇپ، 2016- يىلىلا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشقا 736 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلىپ، 4 مىليون 779 مىڭ ئادەم (قېتىم) پاناھلاندۇرۇلدى. داۋالىنىش ياردىمى، مائارىپ ياردىمى، تۇرالغۇ ياردىمى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردىمى تۈزۈمى پەيدىنپەي يولغا قويۇلدى؛ ۋاقىتلىق پاناھلاندۇرۇش تېخىمۇ قولايلاشتى، 2016- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە %95 يېزا- بازار (كوچا باشقارمىسى) «بىرلا جايدا ئىش بېجىرىدىغان» پاناھلاندۇرۇش مۇلازىمەت كۆزنىكى تەسىس قىلدى، جەمئىي 173 مىڭ ئائىلە (قېتىم) ۋاقىتلىق پاناھلاندۇرۇلۇپ، 1 مىليارد 850 مىليون يۈەن پاناھلاندۇرۇش مەبلىغى چىقىم قىلىندى. ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمى تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر ۋە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنىڭ ئاساسىي ئىجتىمائىي ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، كۈچلۈك ئىنسانپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنى نامايان قىلدى، بۇ، ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ ئاخىرقى مۇداپىئە سېپى ۋە بىخەتەرلىك تورىدۇر.

  ساغلاملىق ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، پۇقرالار ئاغرىپ قالسا داۋالىنالايدىغان بولۇش ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 2016- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭدىكى تۈرلۈك ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى 15 مىڭ 721 گە يەتتى، ھەر 10 مىڭ كىشىگە 60.3 كېسەل كارىۋىتى، 21.2 كەسپىي ۋىراچ توغرا كەلدى، بۇ مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى. ساقلىقنى ساقلاش، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ئاپپاراتلىرى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان شەھەر- يېزا ساقلىقنى ساقلاش، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلدى، ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەل، يەرلىك كېسەل ئۈنۈملۈك كونترول قىلىندى. «كېسەل بولسا بالدۇر داۋالىتىش، كېسەل بولمىسا ئالدىنى ئېلىش»تىن ئىبارەت ساغلاملىق ئىدىيەسىنىڭ كىشىلەر ئېڭىغا چوڭقۇر سىڭىشىگە ئەگىشىپ، 2016- يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭدا يولغا قويۇلغان ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش قۇرۇلۇشى مەملىكەت بويىچە تۇنجى قېتىم يولغا قويۇلغان يەنە بىر خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى بولدى، بۇ قۇرۇلۇش شىنجاڭنىڭ شەھەر- يېزا ئاھالىسىنى ھەر يىلى بىر قېتىم ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش شارائىتىغا ئىگە قىلدى. 2016- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە سالامەتلىك تەكشۈرتكەنلەر 17 مىليون 278 مىڭ 500 كىشىگە، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش نىسبىتى %98.46 كە يەتتى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا سالامەتلىك تەكشۈرتكەنلەر 9 مىليون 182 مىڭ 400 كىشىگە، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش نىسبىتى %100كە يەتتى. تۈرلۈك تەدبىرلەر يولغا قويۇلۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنىڭ داۋاملىق ئۆسۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى، ئاھالىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى 1949- يىلىدىكى %20.82 تىن 2016- يىلى %4.26 كە تۆۋەنلىدى، ئوتتۇرىچە مۆلچەرەن ئۆمۈر 30 ياشتىن 72.35 ياشقا ئۇزاردى، ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە مۆلچەرەن ئۆمۈرنىڭ ئۇزىرىشىنى ساغلاملىق ھوقۇقىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقنىڭ كۈچلۈك دەلىل- ئىسپاتى دېيىشكە بولىدۇ.

  تەربىيەلىنىش ھوقۇقى ئومۇميۈزلۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى. 1949- يىلىدىن ئىلگىرى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت- مائارىپ سەۋىيەسى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، ئادەتتىكى ئاممىنىڭ تەربىيەلىنىش ھوقۇقى يوق دېيەرلىك ئىدى. نەچچە ئون يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق مەكتەپلەر تېز كۆپىيىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تەربىيەلىنىش ھوقۇقى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈلدى. ھازىر شىنجاڭدا ئۈچ ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. يەنى، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى بىلەن قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئۈچ يىللىق يەسلى مائارىپى ۋە 12 يىللىق ئاساسىي مائارىپ بىلەن قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ مائارىپ مەبلىغى يېتەرلىك بولدى، ئاپتونوم رايون مەجبۇرىيەت مائارىپىنى جامائەت مالىيەسى كاپالىتى دائىرىسىگە ئومۇميۈزلۈك كىرگۈزۈپ، شەھەر- يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ جامائەت خىراجىتىنىڭ ئۆلچەملىك نورمىسىنى بىرلىككە كەلتۈردى ھەم ياتاقلىق مەكتەپلەرگە، كۆلىمى كىچىكرەك مەكتەپلەرگە، ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرىگە ۋە ئەگىشىپ ئوقۇۋاتقان مېيىپ ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان جامائەت خىراجىتى ياردەم پۇلى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى؛ مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تەربىيەلىنىش جەھەتتىكى يۈكىنى يېنىكلەتتى، 2016- يىلى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا جامائەت خىراجىتى ۋە ئىسسىنىش ھەققى ياردەم پۇلى بەردى، يېزىلاردىكى ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بەردى، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ۋە شەھەرلەردىكى قىسمەن ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرسلىكنى ھەقسىز تارقىتىپ بەردى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلىنى بىكار قىلدى. شىنجاڭنىڭ مائارىپ سىستېمىسى مۇكەممەل، ئۇل ئەسلىھەلىرى ئاساسەن تولۇق بولۇپ، مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرى بالىلارنىڭ ئوقۇيدىغانغا مەكتەپ بولۇشىغا، ئوقۇيالايدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون مائارىپى تەرەققىي قىلغان رايونلارنىڭ ئەۋزەل بايلىقىغا تايىنىپ، كۆپ قاتلاملىق ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى قانات يايدۇردى. 2000- يىلىدىن باشلاپ ئىچكىرىدىكى ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان بەزى شەھەرلەردە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلدى، 2016- يىلى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى 9880 كىشىگە يەتتى. 2004- يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى مائارىپى تەرەققىي قىلغان شەھەرلەردە شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلدى، 2016- يىلى شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى 30 مىڭغا يەتتى. 2007- يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ رايون ئىچى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلىپ، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغان شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ، تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى مائارىپتىن بەھرىمەن قىلدى. شىنجاڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ سۈپەتلىك بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، كەسپىي ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن، 2011- يىلىدىن باشلاپ ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان توققۇز ئۆلكە (شەھەر)، 27 شەھەردىكى دۆلەتنىڭ 33 نۇقتىلىق كەسپىي ئىنستىتۇتىدا شىنجاڭ ئوتتۇرا تېخنىكوم سىنىپى تەسىس قىلدى، ھازىرغا قەدەر شىنجاڭدىن 13 مىڭ 200 ھەر مىللەت ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى. ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالىي مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا تېخىمۇ كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 1989- يىلى ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ ئالىي مەكتەپ مائارىپىغا ياردەم بېرىش ھەمكارلىق پىلانى قانات يايدۇرۇلدى، «ئىچكىرىدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش بويىچە 7- قېتىملىق ھەمكارلىق پىلانى (2016- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە) كېلىشىمى»گە ئاساسەن، 2020- يىلىغا بارغاندا، مەركەز تارماقلىرىغا قاراشلىق 96 ئالىي مەكتەپ ۋە 24 ئۆلكە، شەھەرگە قاراشلىق 227 ئالىي مەكتەپ ھەر يىلى قوبۇل قىلىدىغان شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى سانىنى 10 مىڭغا يەتكۈزىدۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن شىنجاڭغا قايتىدۇ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ھازىر شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپ، ھەرقايسى سەپلىرىدە تايانچ كۈچكە ئايلاندى.

  «شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئىجتىمائىي ھوقۇق توغرا، تەپسىلىي بايان قىلىندى. ئۇ، شىنجاڭنى چۈشەنمەيدىغان بەزى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ شىنجاڭغا بولغان تونۇشى ۋە قىزغىن مۇھەببىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭغا قارا سۈركەش يامان غەرىزىدە بولۇۋاتقان چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرگە كۈچلۈك رەددىيە بولدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر