ئاپتونوم رايونىمىزدىن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر 15-ئۆكتەبىر بېيجىڭغا باردى
2017.10.16 17:15 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ئالتۇن كۈزدە، بېيجىڭنىڭ ھاۋاسى ئىللىق ئىدى. 10- ئاينىڭ 15- كۈنى سائەت 14تىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاپتونوم رايونىمىزدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 1 مىليون 500 مىڭدىن كۆپرەك پارتىيە ئەزاسى ۋە 23 مىليوندىن كۆپرەك ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، بېيجىڭغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ كەلدى. ۋەكىللەر نەتىجىلەرنى خۇلاسىلەپ، قەلبى ھاياجانغا تولدى؛ كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، چەكسىز ئىپتىخارلاندى، روھى كۆتۈرۈلۈپ، چەكسىز شەرەپ ھېس قىلىشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز