شى جىنپىڭ ترامپ بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى   شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلانىيە ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشتى   شى جىنپىڭ بىلەن ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا Ⅱ ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو بىلەن ئىيوردانىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى   ئاپتونوم رايون 2017-يىللىق چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مەركەزلىك ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى   شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، تۇنجى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى   ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كونا رايونلارنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2017.06.26 13:38 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 25- ئىيۇن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دەپ ئېلىنىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. «پىكىر»دە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى قائىدە بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېتەكچى ئىدىيە، ئومۇمىي نىشان، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىن تارتىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش شەرت، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا قاتتىق بولۇش شەرت، قاتتىق بولۇشتا نىزام- تۈزۈمگە تايىنىش شەرت. پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى قائىدە بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، بۇ پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈپ قوللانما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئىدىيە جەھەتتە كۈچەيتىش بىلەن پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىشتا، تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، مەركەزنىڭ تەلىپى، ئاممىنىڭ ئارزۇسى، ئەمەلىي ئېھتىياج ۋە يېڭى تەجرىبىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە خىزمىتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەتەرگە تاقابىل تۇرۇپ، چىرىكلىك ۋە ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك نىزام- تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، پارتىيەنىڭ باشتىن- ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پارتىيە قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا، پارتىيەنىڭ بىرقەدەر مۇكەممەل ئىچكى نىزام- تۈزۈم سىستېمىسى، پارتىيەنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىچكى نىزام- تۈزۈملەرنى يولغا قويۇش سىستېمىسى، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك ئىچكى نىزام- تۈزۈم كاپالەت سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملارغا ئاساسەن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلىدۇ.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم سىستېمىسى − پارتىيە نىزامنامىسىنى ئاساس، دېموكراتىيە- مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى يادرو، مەركىزىي كومىتېتنىڭ مىزان، نىزام قاتارلىق پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزامىنى ئاساس قىلغان، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى قاتلاملارنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈملىرىدىن تەركىب تاپقان ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدە. نىشان ئارقىلىق يېتەكلەش ۋە مەسىلە ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، «سۇبيېكتنى، ھەرىكەتنى، نازارەتچىلىكنى قېلىپلاشتۇرۇش»نى بىر تۇتاش پىلانلاش، ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، «4+1»نى ئاساسىي رامكا قىلغان پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك، يەنى پارتىيە نىزامنامىسى ئاستىدا پارتىيەنىڭ تەشكىلىي نىزام- تۈزۈمى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك نىزام- تۈزۈمى، پارتىيەنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى نىزام- تۈزۈمى، پارتىيەنىڭ نازارەتچىلىك كاپالىتى نىزام- تۈزۈمى قاتارلىق تۆت چوڭ بۆلەككە ئايرىش كېرەك. پارتىيەنىڭ تەشكىلىي نىزام- تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ۋە ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەشكىلىي تۈزۈم ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك نىزام- تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيەنىڭ ئومۇمىيەتنى ئىگىلەپ، ھەر تەرەپنى ماسلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى نىزام- تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ نازارەتچىلىك كاپالىتى نىزام- تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ خىزمىتى، پائالىيىتى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھەرىكىتىگە بولغان نازارەتچىلىكىنى، باھالاش، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش، كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلارنى ھەقىقىي قېلىپلاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن ھوقۇقنى ياخشى يۈرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەركەزدىكى تارماقلار ۋە ئۆلكە، رايون، شەھەرلىك پارتكوملار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئۆز سىستېمىسى، ئۆز رايونىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلەر ۋە ئۆلكە مەركىزى بولغان شەھەرلىك پارتكوملارغا ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزامىنى تۈزۈش ھوقۇقى بېرىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە ئىچىدىكى نىزام- تۈزۈم تۈزۈشتە سۈپەتتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئۆتكەلنى پۇختا ئىگىلەپ، يۆنىلىشنى توغرا بېكىتىپ، مەزمۇننى ئىلمىي تۈزۈپ، تەرتىپنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئىچكى نىزام- تۈزۈملىرىنىڭ مۇكەممەل، ئاقىدىغان، باشقۇرالايدىغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئورگانلىرى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن باشلاپ ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، قاتتىق تەلەپ قويۇپ، باشلامچىلىق بىلەن نىزامنى ھۆرمەتلىشى، نىزامنى ئۆگىنىشى، نىزامغا رىئايە قىلىشى كېرەك. ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە- نىزاملىرىنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈمىنى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، پارتىيە مەكتىپى، مەمۇرىي ئىنستىتۇت، كادىرلار ئىنستىتۇتىنىڭ زۆرۈر ئوقۇشلۇقىغا كىرگۈزۈش كېرەك. نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ ھەيدەكچىلىك قىلىش، كۆزىتىش- تەكشۈرۈشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، پارتىيەنىڭ مۇھىم ئىچكى نىزام- تۈزۈملىرىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى قەرەللىك نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، مەخسۇس تۈر بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلغان ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى- تۆۋەننى تۇتاشتۇرىدىغان ئەنگە ئېلىش خىزمىتى سىستېمىسى، ئەنگە ئېلىش خىزمىتىنى باھالاش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەركەزدىكى تارماقلار ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن باشقا خىزمەتلەرنى ئوخشاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام خىزمىتى ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت كۈچىنى تولۇقلاپ كۈچەيتىشى كېرەك. ئۆلكە، رايون، شەھەرلىك پارتكوملار خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە- نىزام خىزمىتى ئاپپاراتى تەسىس قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم پىلانى تۈزۈش، تەييارلاش، تەكشۈرۈش، ئەنگە ئېلىش، ئېنىقلاش، پارتكومنىڭ نىزام چىقىرىشىغا ھەيدەكچىلىك- يېتەكچىلىك ۋە مۇلازىمەت قىلىش، قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ. پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزامى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش پىلانى تۈزۈپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزامى مەخسۇس خىزمەت قوشۇنى، نەزەرىيە تەتقىقات قوشۇنى، زاپاس ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلىدۇ. ئىدىيەۋى- سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق، ئۇنىۋېرسال ساپاسى يۇقىرى، كەسپىي ئىقتىدارى كۈچلۈك، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئالالايدىغان، خالىس تۆھپە قوشىدىغان پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزامى مەخسۇس خىزمەت قوشۇنى كۈچەپ بەرپا قىلىنىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز