شى جىنپىڭ ترامپ بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى   شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلانىيە ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشتى   شى جىنپىڭ بىلەن ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا Ⅱ ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو بىلەن ئىيوردانىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى   ئاپتونوم رايون 2017-يىللىق چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مەركەزلىك ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى   شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، تۇنجى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى   ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كونا رايونلارنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

«بۇ جاي تەسەۋۋۇرۇمدىكىدىنمۇ ياخشى ئىكەن»

− قەشقەردە كۆرگەن − ئاڭلىغانلىرىم (1)

مۇخبىرىمىز لى شىڭ

2017.06.26 13:31 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  قەشقەردە ئۇدا بىرنەچچە كۈن تېمپېراتۇرا 35 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتتى، قەشقەرنىڭ 6- ئېيى تونۇردەك ئىسسىق پەسىلگە قەدەم قويغانىدى. يازلىق تەتىلنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، سەپەرگە چىقىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، قەشقەرنىڭ ساياھىتى جانلىنىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى.

  6- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10دا، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ئادەملەر كۆپىيىپ، بۇ جاي كۈلكە- پاراڭلارغا تولغانىدى. ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بەس- بەستە قوللىرىغا فوتو ئاپپارات ۋە يان تېلېفون تۇتقىنىچە، قەدىمىي شەھەرنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ئۇرۇق- تۇغقان ھەم دوست- بۇرادەرلىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، بۇ جايدا قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بالدۇرلا ساقلاپ تۇراتتى.

  «سۆيۈملۈك ساياھەتچىلەر، دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە كەلگىنىڭلارنى قارشى ئالىمىز...» قەدىمىي شەھەرنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى بۇئايشەم دۆلەت ئۆلچەملىك پۇتۇڭخۇا بىلەن قەدىمىي شەھەرنى تونۇشتۇرۇپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى قارشى ئالدى. جانلىق مۇزىكا ساداسىنىڭ ياڭرىشىغا ئەگىشىپ، ساياھەتچىلەر ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئويۇن كۆرسىتىۋاتقان ئارتىسلار بىلەن تەڭلا ئۇسسۇلغا چۈشتى.

  قەدىمىي شەھەرنىڭ دەرۋازىسى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئېچىۋېتىلدى، ساياھەتچىلەر ھاياجانلانغان ھالدا شەھەر دەرۋازىسىدىن كىرىشكە باشلىدى، قەدىمىي شەھەرنىڭ يېڭى بىر كۈنى باشلاندى، قەدىمىي شەھەر كوچىسى بويىدىكى دۇكانلار بەس- بەستە ئىشىكلىرىنى ئېچىپ خېرىدار چاقىرىشقا باشلىدى. تۇخۇم، مېۋە، قوناق نان، قۇرۇق مېۋە، كۆكتات ساتىدىغانلار تەرەپ- تەرەپتىن بۇ جايغا يىغىلدى. قەدىمىي شەھەرنىڭ تارىخى ئۇزاق بولۇپ، بۇ جايدا ئۇزاق تارىخقا ئىگە نۇرغۇن قەدىمىي كوچىلار بار، قەدىمىي كوچىلاردا ھەر خىل بازارلار، مەسىلەن: قاشتېشى بازىرى، دوپپا بازىرى، ئاسار ئەتىقە بازىرى... بار. 100 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە كونا چايخانا بولۇپلا قالماي، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەردىن مىراس قالغان قولدا ئىشلەنگەن چالغۇ، مىس ئەسۋابلار، ساپال دۇكىنى، ئەنئەنىۋى ناۋايخانا، كاۋاپخانا، تۆمۈر ئەسۋابلار دۇكىنى، ساتىراشخانا، شۇنداقلا زامانىۋى پىشۇرۇق دۇكىنى، غەربچە ئاشخانا، ھەشەمەتلىك بېزەلگەن مۇسۇلمانچە ئاشخانا ۋە پەردازخانىلار بار، ئەنئەنە ۋە مودا بۇ جايدا ئۇچراشقان، قەدىمىيلىك ۋە زامانىۋىلىك بۇ جايدا بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

  مەن تاسادىپىي پۇرسەتتە تيەنجىن ۋە شاڭخەيدىن كەلگەن پېشقەدەملەر ئارىسىدىكى ئەينى چاغدىكى بىر قىسىم زىيالىي ياشلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم، ئۇلار كېلىشىۋېلىپ بىللە شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەنلەر بولۇپ، ئەزەلدىن شىنجاڭغا كېلىپ باقمىغان پېشقەدەم زىيالىي ياشلار شىنجاڭنىڭ زېمىنىغا قەدەم قويغان ھامان، بۇ جاينىڭ تەبىئىي شارائىتى ۋە ئۆرپ- ئادىتى ئۇلارنى جەلپ قىلغانىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شائىر فەن ئېنخۇڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ھەقىقەتەن گۈزەل ئىكەن! تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپلا قالماي، قەدىمىي شەھەردىكى ھەممە نەرسە ئەسلىي ئېكولوگىيەسىنى ساقلىغان ئىكەن. قەدىمىي شەھەرنىڭ ناھايىتى ياخشى قوغدالغانلىقىنى، ھەقىقەتەن تەرىپلىگۈچىلىكى بارلىقىنى ھېس قىلدىم، بۇ جاي تەسەۋۋۇرۇمدىكىدىنمۇ ياخشى ئىكەن.

  سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ يىبىڭ شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى چېڭ شياۋشى 7- نۆۋەتلىك تارىمنى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسىگە قاتناشقىلى كەلگەن ئىكەن، مۇسابىقە جەريانىدا مۇسابىقە ئاپتوموبىلىدىن كاشىلا چىقىپ، ئامالسىز مۇسابىقىدىن چېكىنىپ، دوستى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى كۆرگىلى كەلگەن ئىكەن.

  چېڭ شياۋشى مۇنداق دېدى: بۇ جايدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلەر ناھايىتى دوستانە، قىزغىن ئىكەن. بۇ جايغا كېلىشتىن ئىلگىرى دوستلىرىم بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشىمنى تاپىلىغانىدى، كەلگەندىن كېيىن جەمئىيەت ئامانلىقىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. دوستلار ئۈندىدار چەمبىرىكىدە سۆز قالدۇرۇپ: دوستلىرىم خاتىرجەم كېلىڭلار، بۇ جايدا ئەنسىرەيدىغان ھېچقانداق ئىش يوق ئىكەن، دېدىم. قەدىمىي شەھەردىكى كوچىلاردا ماڭغاچ، بۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەم، تىنچ ئىكەنلىكىنى كۆردۈم، ھەر مىللەت ئاھالىلىرى ئىناق- ئىتتىپاق ئۆتىدىكەن، مەن بۇ جايدا بىرنەچچە كۈن كۆپرەك تۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى تەسىراتقا ئىگە بولاي دەيمەن.

  قەدىمىي كوچىدىكى بىر چالغۇ دۇكىنىدا دۇكان خوجايىنى، چالغۇ ياساش ئۇستىسى ئابلىمىت ئەيسانىڭ ئالتىنچى ئەۋلاد ۋارىسى خۇدابەردى ئىسلامنىڭ قولدا چالغۇ ياساۋاتقىنىغا 30 يىل بوپتۇ. خۇدابەردى بىر تەرەپتىن چالغۇ ياسىغاچ، بىر تەرەپتىن مەن بىلەن پاراڭلاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: كونا شەھەر ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتتى، بۇ جايغا ساياھەت قىلغىلى كېلىدىغان ئېلىمىزدىكى ۋە چەت ئەللىك مېھمانلار بارغانسېرى كۆپەيدى. بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا، دۇكىنىمدا ھەر ئايدا ئوتتۇرىچە ئوندىن 20گىچە چالغۇنى ئارتۇق سېتىۋاتىمەن، كۈنلۈك كىرىمىم 1000 يۈەندىن ئاشىدۇ. دۇكىنىمنىڭ تىجارىتى ساياھەتچىلىك بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، مەن قەشقەرگە كېلىدىغان كىشىلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىنى، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ قەشقەرنى، ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن، دوستانىلىقىنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مۇشۇنداق بولغاندا تىجارىتىم بارغانسېرى ياخشى بولىدۇ، تۇرمۇشۇممۇ كۈندىن- كۈنگە ياخشىلىنىدۇ.

  بۇئايشەم دۆلەتنىڭ قەدىمىي شەھەردە چۈشەندۈرگۈچى بولۇۋاتقىنىغا ئۈچ يىل بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان قەدىمىي شەھەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، ساياھەتنىڭ جانلىنىش مەزگىلىدە، بىر كۈندە 2000دىن 3000غىچە ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت قىلىش شەكلىمۇ بارغانسېرى بېيىۋاتىدۇ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغانلار ئاستا- ئاستا كۆپەيدى، نۇرغۇن ساياھەتچى ئۆي ئاپتوموبىلى ھەيدەپ قەشقەرگە كېلىپ، قەدىمىي شەھەردە راھەت سەيلە قىلىۋاتىدۇ.

  قەشقەر ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1- ئايدىن 5- ئايغىچە قەشقەرگە كەلگەن ساياھەتچى 830 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.2، ساياھەت كىرىمى 467 مىليون 322 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15 ئاشقان؛ چېگرا سىرتىدىن 5298 ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان، تاشقى پېرېۋوت كىرىمى 5 مىليون 298 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. 5- ئايدىن بۇيان، قەشقەرگە كەلگەن ساياھەتچى 303 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.9، ساياھەت كىرىمى 178 مىليون 172 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.7 ئاشقان.

  مىللىي ناخشا- ئۇسسۇلدىن ھۇزۇرلىنىش، ئۆزگىچە مىللىي تائاملارنى تېتىش، كوزىچى ياربېشى ۋە قەدىمىي شەھەرنى سەيلە قىلىش... قەشقەرنىڭ مول مەدەنىيىتى، قەدىمىي يىپەك يولىدىكى سىرلىق يۇرت مەنزىرىسى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى ئۈزلۈكسىز جەلپ قىلماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز