شى جىنپىڭ ترامپ بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى   شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلانىيە ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشتى   شى جىنپىڭ بىلەن ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا Ⅱ ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو بىلەن ئىيوردانىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى   ئاپتونوم رايون 2017-يىللىق چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مەركەزلىك ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى   شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، تۇنجى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى   ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كونا رايونلارنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدايمەن

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مىللەت ۋە دىن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاپپار ئىبراھىم

2017.06.26 13:19 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەش، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى تەربىيەلەش، جەمئىيەتنىڭ ئىناق- مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن بىز ئۇيغۇر كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى.

  پارتىيە ئۇزاق يىل تەربىيەلىگەن، ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، مۇقىملىقنى ساقلاشتىن ئىبارەت بۇ تارىنى باشتىن- ئاخىر چىڭ تارتىپ، چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، بايرىقىم روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايمەن.

  بىرىنچى، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. پارتىيە بىزنى ئۇزاق يىل تەربىيەلىدى، ۋەتەن ۋە خەلق بىزگە شۇنداق ئىشەنگەن ئىكەن، بىز چوقۇم كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، قەتئىيلىك بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ۋە «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. ئۇلارغا لەنەت ئوقۇپ، ئەيىبلەش بىلەن بىللە، ئۆگىنىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى تونۇش ۋە سىياسىي ئېڭىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، ئۆزىمىزگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، كاللىمىزنى باشتىن- ئاخىر سەگەك تۇتۇپ، ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق، ئۈلگىلىك رولىنى ئاڭلىق ھالدا ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئاڭلىق زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئاتاكىغا ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلىمەن. ھازىر تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرگەن ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار بەس- بەس بىلەن ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەش ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىقى، دۆلەت ۋە خەلققە بولغان ساداقەتمەنلىكى، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىدىغان ھەققانىيەت ساداسىنى ياڭرىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ پارتىيەگە، دۆلەتكە، خەلققە بولغان ساداقەتمەنلىكىنى ۋە مۇستەھكەم سىياسىي مەيدانىنى، كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىكىنى، سەمىمىي مىللىي ھېسسىياتى ۋە روشەن ھەق- ناھەق ئۆلچىمىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى. بىز ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان كادىرلار ئۆز ئەۋزەللىكىمىزنى تېخىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بايرىقىمىز تېخىمۇ روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، پوزىتسىيەيىمىزنى ئېنىق قىلىپ، خەۋپ- خەتەردىن قورقماي كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ نەمۇنىلىك ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئاممىغا تەسىر كۆرسىتىپ ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىشىمىز كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، پارتىيە ۋە خەلققە، ھەر مىللەت قېرىنداشلارغا يۈز كېلەلەيمىز.

  ئۈچىنچى، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمگە ئېلىپ، مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىمەن. ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق پۇرسەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى تەشۋىقات- تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ قەلبىدىكى گۇمانلارنى تۈگىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيەۋى قارىشىنى ئۆزگەرتىمەن؛ ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگە كۆپ بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ ئوي- پىكرىنى ۋە قىيىنچىلىقلىرىنى ئىگىلەيمەن. ئومۇمەن، ئۆزۈم ھەل قىلالايدىغان مەسىلىلەرنى ئىمكانقەدەر ھەل قىلىپ، ئۆزۈم ھەل قىلالمايدىغان مەسىلىلەرنى دەرھال يۇقىرىغا مەلۇم قىلىپ، مەسىلىنىڭ توپلىنىپ قېلىشىغا يول قويماي، زىددىيەتتىن ئۆزۈمنى قاچۇرمايمەن؛ ئاساسىي قاتلامدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى، بولۇپمۇ مۇقىملىق، مىللەت، دىنغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى چوقۇم ھەقىقىي ئېنىقلاپ، ئېنىق چۈشىنىپ، ھەقىقىي قىممىتى بار، سەۋىيەسى بار پىكىر- تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىمەن، ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشى ئۈچۈن كۆپرەك تىرىشىپ، ئىتتىپاق- ئىناق، باي- باياشات، مەدەنىي- تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز