شى جىنپىڭ ترامپ بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى   شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلانىيە ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشتى   شى جىنپىڭ بىلەن ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا Ⅱ ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو بىلەن ئىيوردانىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى   ئاپتونوم رايون 2017-يىللىق چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مەركەزلىك ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى   شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، تۇنجى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى   ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كونا رايونلارنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى

2017.06.26 13:09 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىمنىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسى 6- ئاينىڭ 22- كۈنى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ باۋدىڭ شەھىرىدىن شىنجاڭنىڭ قەشقەر شەھىرىگە قاتنايدىغان ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى 6- ئاينىڭ 21- كۈنى قەشقەر شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن. بۇ قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى ئەشيا ئوبوروت كەسپىنىڭ رەسمىي يولغا قويۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. بۇ تاۋارلار قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا تاموژنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك چېگرادىن چىقىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرگەندىن كېيىن، كارخانىلار شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا ئېكسپورت قىلىنىدىغان تاۋارلارغا قايتۇرۇلىدىغان باج پۇلىنى ئالالايدىكەن، بۇ كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۈرئىتىنى يەنىمۇ تېزلىتىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ئەللىرىگە ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇيدىغان مەخسۇس لىنىيە پويىزى بولۇپ، تۇنجى تۈركۈمدە توشۇلغان سەككىز ۋاگون تاۋار، ئاساسلىقى، نېفىتلىكتە ئىشلىتىلىدىغان بۇرغىلاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، بۇ تاۋارلارنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 20 مىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن. بۇ پويىز 6 - ئاينىڭ 16- كۈنى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ باۋدىڭ شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، 6- ئاينىڭ 21- كۈنى قەشقەر شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن. بۇ تاۋارلار قەشقەر ۋوگزالىدىن يۈك ئاپتوموبىللىرى ئارقىلىق قەشقەر باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايونىغا ئېلىپ كېلىنىپ، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، ئەزەربەيجان ۋە پاكىستان قاتارلىق ئالتە دۆلەتكە يەتكۈزۈلىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز