شى جىنپىڭ ترامپ بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى   شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلانىيە ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشتى   شى جىنپىڭ بىلەن ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا Ⅱ ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو بىلەن ئىيوردانىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى   ئاپتونوم رايون 2017-يىللىق چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مەركەزلىك ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى   شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، تۇنجى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى   ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كونا رايونلارنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ

2017.06.26 13:07 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىمنىڭ ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2017- يىللىق تۆمۈر يولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىپ، 8- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن، يازلىق يولۇچى توشۇش ۋاقتى 62 كۈن بولىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ مەزگىلدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 8 مىليون 410 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %20.3 ئاشىدىكەن.

  تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بۇ يىللىق يازلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە يولۇچى مىقدارىنىڭ ئۆتكەن يىلىدىكىدىن كۆپ بولۇشى، ئاساسلىقى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىلدە ئۆيىگە قايتىشى، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ بۇ يىللىق يۇقىرى پەللە مەزگىلىنى كۈتۈۋېلىشى، ئاپتونوم رايونىمىزغا سودا- تىجارەت ئىشلىرى بىلەن كېلىدىغانلارنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغانلارنىڭ كۆپ بولۇشى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

  ئۇقۇشىمچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۆمۈريول تارماقلىرى ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى- سىرتىغا قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزلىرىنىڭ قېتىم سانىنى كۆپەيتىش، يولۇچىلار پويىزلىرىنىڭ قاتناش ۋاقىت جەدۋىلىنى تەڭشەش ۋە قىسمەن يولۇچىلار پويىزلىرىنىڭ قاتناش مۇساپىسىنى ئۇزارتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بۇ يىللىق يازلىق يولۇچى توشۇش ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز