ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

شى جىنپىڭ كۆك نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

تىرەك بولۇش سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، سىياسەت جەھەتتىن مايىللىشىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دىققەتنى دەل جايىدا كۈچەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەڭ قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كېرەك

2017.06.26 12:50 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 23- كۈنى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ تەييۈەن شەھىرىدە كۆك نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)
  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تەييۈەن، 24- ئىيۇن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 23- كۈنى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ تەييۈەن شەھىرىدە كۆك نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى ھەم كۆك نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەدبىرىنى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ ھازىرقى باسقۇچىدا، كۆك نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار كۆك نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاشنىڭ مۈشكۈللۈكى، مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، گەۋدىلىك چەكلەپ تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تىرەك بولۇش سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، سىياسەت جەھەتتىن مايىللىشىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دىققەتنى دەل جايىدا كۈچەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەڭ قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، كۆك نامرات رايونلار ۋە نامرات ئاممىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ سەنشى ئۆلكىسىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەن مەزگىلدە بۇ سۆھبەت يىغىنىنى ئاچتى. سۆھبەت يىغىنىغا سەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لو خۇينىڭ، يۈننەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن خاۋ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋۇ يىڭجيې، چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ گوشېڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو قاتناشتى ھەم يازما سۆز قىلدى، سەنشى ئۆلكىسى لۈلياڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى جېڭيىن، جياڭشى ئۆلكىسى گەنجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى بىڭجۈن، خۇبېي ئۆلكىسى ئېنشى تۇجيازۇ- مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى جيەنمىڭ، خۇنەن ئۆلكىسى شياڭشى تۇجيازۇ- مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى يې خۇڭجۈەن، سىچۈەن ئۆلكىسى لياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لىن شۇچېڭ، گەنسۇ ئۆلكىسى دىڭشى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى تاڭ شياۋمىڭ، خېبېي ئۆلكىسى كاڭباۋ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى دۇ پىڭ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى خورچىن ئوڭ قانات ئوتتۇرا خوشۇنى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بەي يۈنخەي، گۇاڭشى ئۆلكىسى دۇئەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن جىيۇڭ، شەنشى ئۆلكىسى شەنياڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ گويۈ، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى تۇڭشىن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ما خۇڭخەيدىن ئىبارەت كوك نامرات رايونلاردىكى شەھەر، ئوبلاست ۋە ناھىيە، خوشۇنلۇق پارتكوم شۇجىلىرىنىڭ 11 ۋەكىلى سۆز قىلدى. ئۇلار كۆك نامراتلىق ئەھۋالىنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن تونۇشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدىن ئالغان تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئەڭ قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ- پىكىر بەردى، شى جىنپىڭ ئاڭلىغاچ خاتىرە قالدۇرۇپ، ئارىلاپ ئۇلار بىلەن ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

  شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تۆۋەن چەك ۋەزىپىسى ۋە سىمۋوللۇق كۆرسەتكۈچى قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ بۇرغىسىنى ئومۇميۈزلۈك ياڭراتتى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنىڭ زور، كۆلىمىنىڭ كەڭ، تەسىرىنىڭ چوڭقۇر بولۇشى مىسلىسىز بولدى. ھازىر ھەر قايسى تەرەپلەر ھەرىكەتكە كېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى خېلى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، نامرات ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، نامرات رايونلارنىڭ قىياپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى يەنىلا ناھايىتى مۈشكۈل. ھازىرقى نامراتلارنىڭ كۆپىنچىسى كۆك نامرات رايونلارغا مەركەزلەشكەن. بۇ رايونلارنىڭ كۆپىنچىسى كونا ئىنقىلابىي رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار بولۇپ، ئۇل ئەسلىھەسى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسى بىر قەدەر تۆۋەن، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز، تەبىئىي ئاپەت كۆپ يۈز بېرىدۇ، نامرات ئاھالىنىڭ نىسبىتى ۋە نامراتلىشىش نىسبىتى يۇقىرى، ئاھالىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى تۆۋەن، كوللېكتىپ ئىگىلىكى ئاجىز، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى ئېغىر بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى قانچىكى ئارقىغا تارتقانسېرى تەننەرخ شۇنچە يۇقىرى، قىيىنلىقى شۇنچە زور بولىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەسلىدىنلا بىر مەيدان قاتتىق جەڭ بولۇپ، كۆك نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدىكى تېخىمۇ قاتتىق جەڭ بولۇپ، جەزمەن تېخىمۇ مەركەزلىك قوللاپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، خىزمەتنى تېخىمۇ كۈچەپ ئىشلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كۆك نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىشتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، مەركەز بىر تۇتاش پىلانلاش، ئۆلكە ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، ناھىيە- شەھەرلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتەك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە، پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى ئومۇمىي جەھەتتىن مەسئۇل بولۇش خىزمەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدە، نامراتلارنى مەخسۇس تۈر بويىچە يۆلەش، ساھەلەر بويىچە يۆلەش، جەمئىيەتتىكىلەر يۆلەش قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك كۈچ، كۆپ خىل تەدبىرلەر ئورگانىك بىرلەشكەن ۋە ئۆزئارا تىرەك بولغان «ئۈچنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت كەڭ كۆلەملىك يۆلەش ئەندىزىسىدە چىڭ تۇرۇپ، گەۋدىلىك چەكلەپ تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مۇھىم نۇقتا، زور يۆلەش قۇرۇلۇشى ۋە كەنت، ئائىلىلەرگىچە بېرىپ يۆلەش تەدبىرىنى تۇتقا، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۆك نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەھەتتە نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبە ۋە تىپلارغا ئىگە بولدۇق. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەپەككۇر يولى جايىدا، تەدبىرلەر ئۈنۈملۈك بولۇپ، خىزمەت پۇختا ئىشلەنسىلا كۆك نامراتلىق ئۈستىدىن جەزمەن غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ.

  شى جىنپىڭ بۇ ھەقتە مۇنداق سەككىز تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى مۇۋاپىق بېكىتىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 2020- يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانىنى ئېنىق بېكىتتى، يەنى 2020- يىلىغا بارغاندا، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ كىيىنىش- تويۇنۇشتىن غەم قىلماسلىقى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش ۋە تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ؛ نامرات رايونلاردىكى دېھقانلارنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ ئاساسلىق ساھەلەردىكى كۆرسەتكۈچى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ؛ ئېلىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ قالپىقى تولۇق چۆرۈپ تاشلىنىپ، رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ. كۆك نامرات رايونلارمۇ بۇ نىشانغا يېتىش بىلەن بىللە، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېگىز شاخقا ئېسىلىۋالماسلىقى، ھەر تەرەپتىكى تەلەپنى بەك يۇقىرى قويۇۋالماسلىقى كېرەك.

  ئىككىنچى، سېلىنما ئارقىلىق قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنىڭ سۇبيېكتلىق ۋە يېتەكچىلىك رولىنى، پۇل مۇئامىلە مەبلىغىنىڭ يېتەكچىلىك ۋە ماسلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەبلىغىنى ئاساسلىقى، كۆك نامرات رايونلارغا ئىشلىتىش، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈرلىرىنى ئاساسلىقى، كۆك نامرات رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىرلىرىنى ئاساسلىقى، كۆك نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى تارماقلار ئورۇنلاشتۇرغان ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تۈرلىرىنى كۆك نامرات رايونلارغا مايىللاشتۇرۇپ، كۆك نامرات رايونلاردىكى يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن مەبلەغنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكتۈرۈپ ئىشلىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى كۆك نامرات رايونلارنىڭ يۆتكىمە چىقىم كۆلىمىنى كېڭەيتىشى كېرەك. تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قوللايدىغان كۈچلۈك سېلىنما بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچنى توپلاپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى قىلىش كېرەك. كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتەك تۈزۈم ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ، كۆك نامرات رايونلارنىڭ جامائەت مۇلازىمىتى، ئۇل ئەسلىھەسى ۋە ئاساسىي داۋالىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەسىلىلىرىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىش كېرەك. تەبىئىي شارائىتى ئالاھىدە ناچار رايونلاردىكى ئاممىغا نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز ئېچىش مەنئى قىلىنغان ۋە چەكلەنگەن رايونلاردىكى ئاممىغا ئورمان مۇھاپىزەتچىسى قاتارلىق جامائەت پاراۋانلىقى ئىش ئورنىنى كۆپەيتىش، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن ئاممىغا داۋالىنىش ياردىمى بېرىش، ۋاقىتلىق پاناھلاندۇرۇش، خەير- ساخاۋەت ئارقىلىق پاناھلاندۇرۇش قاتارلىق يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، كەسىپ ئارقىلىش يۆلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەرگىلى بولمايدىغان ئائىلىلەرگە سىياسەت خاراكتېرلىك تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى يولغا قويۇش كېرەك.

  تۆتىنچى، رايون تەرەققىياتىغا جەزمەن نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى چۆرىدىگەن ھالدا كۈچەش كېرەك. كۆك نامرات رايونلارنىڭ رايون تەرەققىياتى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، جەزمەن نامراتلارنى ئازايتىشنى چۆرىدەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. نامرات ئاھالىلەر نەپكە ئېرىشەلەيدىغان كەسىپلەرنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قاتناش قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى ئىمكانقەدەر كەنت- ئائىلىلەرگە، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى نامرات كەنت ۋە كىچىك تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا مايىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش تۈرلىرىگە نامرات ئاھالىلەرنى قاتناشتۇرۇش نىسبىتى ۋە نەپكە ئېرىشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  بەشىنچى، ھەرقايسى تەرەپنىڭ يار- يۆلەك بولۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش ئوبيېكتلىرى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش ئوبيېكتلىرى، مەركەز ئورۇنلىرىنىڭ نامراتلارنى نۇقتىدا يۆلەش ئوبيېكتلىرى كۆك نامرات رايونلاردا بولسا مەبلەغ، تۈر، خادىم جەھەتلەردىن يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. شەرقىي رايونلاردىكى ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغان ناھىيەلەر غەربىي رايونلاردىكى نامرات ناھىيەلەرگە قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىپ، «قول تۇتۇشۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ھەرىكىتى» ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ «10 مىڭ كارخانا 10 مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش ھەرىكىتى»نى كۆك نامرات رايونلارغا مايىللاشتۇرۇش كېرەك. كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق ئىجتىمائىي كۈچلەرنى كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا قاتنىشىشقا يېتەكلەش كېرەك.

  ئالتىنچى، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى يېتىلدۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. نامراتلارنى ئەقلىي ۋە ئىرادە جەھەتتىن يۆلەشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نامرات رايونلار ۋە نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشتىكى ئىچكى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا، نامرات رايونلار ۋە نامرات ئاممىنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. خىزمەت شەكلى ۋە ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ئىشلەپچىقىرىشتا مۇكاپاتلاش بىلەن تولۇقلىما بېرىش، ئەمگەك- مۇلازىمەت ياردەم پۇلى بېرىش، ئىش تېپىپ بېرىش يولى بىلەن قۇتقۇزۇش قاتارلىق مېخانىزملارنى كۆپ قوللىنىپ، نامرات ئاممىنى ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

  يەتتىنچى، تەشكىلىي رەھبەرلىك سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. كۆك نامرات رايونلاردىكى پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى «13- بەش يىل»دىكى ئەڭ مۇھىم ئىش ۋە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى بىرىنچى ئىش سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، خادىم، مەسئۇلىيەت، خىزمەت، ئۈنۈمنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، سۈرئەتنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەبلەغ ئىشلىتىش، ئادەم كۈچىنى تەقسىملەش، يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش ياخشى ئىشلىشى كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە نامرات ناھىيەلەردىكى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىم دەرىجىلىك بىرىنچى قول رەھبەرلىرى مۇقىملىقنى ساقلىشى كېرەك. يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى مۇستەھكەملەپ، شۇجىنى توغرا تاللاپ، رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە قابىللارنى سەپلەپ، كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كۆك نامرات رايونلارنى كادىرلارنى چېنىقتۇرىدىغان، كادىرلارنى تاللايدىغان مۇھىم سۇپا قىلىش كېرەك.

  سەككىزىنچى، تەكشۈرۈش- ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش ۋە تەكشۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ قاتتىق باھالاشنى يولغا قويۇپ، تەلەپچان، راستچىل بولمىغان، ساختىپەزلىك قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى يۆتكەپ ئىشلىتىۋالغان ۋە ئۇنىڭغا خىيانەت قىلغانلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە چوقۇم ئەمەلىيەتچىل بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىدا چوقۇم ئەستايىدىل بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسى چوقۇم ھەقىقىي بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانىنى ئەمەلىيەتتىن چەتنەپ خالىغانچە ئالدىغا سۈرمەسلىك، نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىنى خالىغانچە تۆۋەنلەتمەسلىك، سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا، ساختا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ، ۋاڭ ياڭ، لى جەنشۇ، جۇ شياۋچۈەن يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئالاقىدار ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئالاقىدار شەھەر، ئوبلاستلىق پارتكوملارنىڭ شۇجىلىرى، ئالاقىدار ناھىيە، خوشۇنلۇق پارتكوملارنىڭ شۇجىلىرى يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز