شى جىنپىڭ ترامپ بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى   شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلانىيە ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشتى   شى جىنپىڭ بىلەن ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا Ⅱ ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو بىلەن ئىيوردانىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى   ئاپتونوم رايون 2017-يىللىق چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مەركەزلىك ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى   شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، تۇنجى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى   ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كونا رايونلارنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

شى جىنپىڭ سىچۈەن ئابا زاڭزۇ- چياڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ديېشى بازىرىنىڭ شىنمو كەنتىدە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەنلىكى ۋە خەتەردىن قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

ئاپەتتە كۆمۈلۈپ قالغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇشقا ئاتلىنىپ، تالاپەتنى ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن ئازايتىشنى تەلەپ قىلدى

لى كېچياڭ خەتەردىن قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش خىزمىتى بويىچە تەستىقىي يوليورۇق بەردى

2017.06.26 12:49 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 24- ئىيۇن تېلېگراممىسى. سىچۈەن ئۆلكىسى ئابا زاڭزۇ- چياڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ماۋشيەن ناھىيەسى ديېشى بازىرىنىڭ شىنمو كەنتىدە 6- ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت 6دە تاغ گۈمۈرۈلۈپ، 40 نەچچە ئائىلىلىك دېھقاننىڭ ئۆيى، 100دىن ئارتۇق كىشى كۆمۈلۈپ قالدى، مىنجياڭ دەرياسىنىڭ سۇڭپىڭ جىلغىسىدىكى ئىككى كىلومېتىرلىق تارماق ئېقىن توسۇلۇپ قالدى.

  ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دەرھال مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، سىچۈەن ئۆلكىسىدىن كۆمۈلۈپ قالغانلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇپ، تالاپەتنى ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن ئازايتىپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم ئىز- دېرىكى يوق كىشىلەرنىڭ تۇغقانلىرى ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا تەسەللى بېرىش، ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى. گوۋۇيۈەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىدىن ھال سورايدۇ. ھازىر كەلكۈن مەزگىلى يېتىپ كەلدى، نۇرغۇن جايدا خېلى قاتتىق يامغۇر ياغدى، جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈپ، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ، تالاپەتنى تىرىشىپ ئازايتىش ھەم ئەتراپتىكى گېئولوگىيەلىك يوشۇرۇن خەۋپنى چىڭ تۇتۇپ تەكشۈرۈپ، خەتەردە قالغان ئاممىنى تېزدىن يۆتكەپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى، تاغنىڭ گۈمۈرۈلۈش سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، ئاخىرەتلىك ئىشلارنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشنى، دۆلەت ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش كومىتېتىدىن جايلارنى تۈرلۈك ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشكە دەۋەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى ۋە لى كېچياڭنىڭ تەلىپى بويىچە، گوۋۇيۈەن دەرھال خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، نەق مەيداندا خەتەردىن قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. سىچۈەن ئۆلكىسى، ئابا زاڭزۇ- چياڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى گېئولوگىيەلىك ئاپەت بويىچە 1- دەرىجىلىك جىددىي ھالەتكە ئۆتتى. ھازىر خەتەردىن قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش خىزمىتى جىددىي ھەم تەرتىپلىك ئىشلىنىۋاتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز