شى جىنپىڭ ترامپ بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى   شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلانىيە ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشتى   شى جىنپىڭ بىلەن ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا Ⅱ ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو بىلەن ئىيوردانىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى   ئاپتونوم رايون 2017-يىللىق چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مەركەزلىك ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى   شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، تۇنجى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى   ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كونا رايونلارنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

شى جىنپىڭ سەنشىدە تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ مەلۇم بازىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

قويۇپ بېرىش ۋە سىناق ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنداش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئالەم قاتنىشىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە يارىتايلى

2017.06.26 12:47 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تەييۈەن، 24- ئىيۇن تېلېگراممىسى. سەنشى ئۆلكىسىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 22- كۈنى سەنشىدە تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ مەلۇم بازىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن بازا قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەپ، ئاساس سالغۇچى پېشقەدەملەر ۋە بازىدىكى كوماندىر- جەڭچىلەرگە يۈكسەك ھۆرمەت بىلدۈردى ھەم ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىيدا كۈچلۈك ئارمىيە قۇرۇش، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قويۇپ بېرىش ۋە سىناق ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنداش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  يازدا سەنشىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى زېمىن يېشىللىققا پۈركىنىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن ئاشقاندا، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، بازىدىكى ھەربىي تارىخ مۇزېيىغا كەلدى. بۇ بازا 20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرى قۇرۇلغان، ئۇ دۆلىتىمىز ئۆزى مۇستەقىل لايىھەلەپ ياسىغان تۇنجى نۇقتىلىق دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى سىناق مەيدانى بولۇپ، بىر يىلدا قۇرۇلۇپ، ئىككى يىل سىناق قىلىنىپ، تۇنجى جەڭدە غەلىبە قىلىشتەك ئەلا نەتىجىنى ياراتقان. شى جىنپىڭ مۇزېيدىكى سۈرەتلەر ۋە ئەمەلىي بۇيۇملارنى كۆرۈپ، بازىنىڭ قۇرۇلۇش تەرەققىيات مۇساپىسى ۋە قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم نەتىجىلىرىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 50 يىلدىن بۇيان، بۇ بازىدىكىلەر جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئاساس سېلىپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇنداپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارى ۋە دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. پارتىيە ۋە خەلق سىلەرگە رەھمەت ئېيتىدۇ.

  ھازىرغىچە تارقىلىپ كەلگەن «ئاسماننى يېپىنچا، يەرنى كارىۋات، تاغنى ماكان تۇتۇپ، ئۈچ پارچە تاشقا قازان ئېسىپ، بەرەڭگى، پالەكنى ئوزۇق قىلدۇق» دېگەن بۇ قوشاق پېشقەدەم بازا خادىملىرىنىڭ قۇرۇق قول ئىش باشلاپ، جاپالىق كۈرەش قىلغان مەنزىرىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. شى جىنپىڭ بۇنداق روھنى ماختىدى، ئۇ ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارغا بازىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كوماندىر- جەڭچىلەرگە غەمخورلۇق قىلىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن كوماندىر- جەڭچىلەرنى غەمدىن خالاس قىلىشنى تاپىلىدى.

  شى جىنپىڭ ھەربىي تارىخ مۇزېيىدىن چىقىپ، تېخنىكا سېخىغا كەلدى. بازىدىكى يولداشلار شى جىنپىڭغا مەھسۇلاتنى سىناش جەريانى ۋە ۋەزىپە ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىغاچ، مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردىكى تېخنىكا تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە پايدىلىنىش ئىستىقبالىنى سۈرۈشتۈردى. شى جىنپىڭ بازىدىكىلەردىن غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق ساھەلەردە ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلدى.

  كەڭ دالىدا زامانىۋى راكېتا قويۇپ بېرىش مۇنارى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. شى جىنپىڭ قويۇپ بېرىش مەيدانىغا كېلىپ، قويۇپ بېرىش ئورنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، قۇرۇلمىسى ۋە ئىقتىدارىنى ئىگىلىدى. ئۇ، بۇ قويۇپ بېرىش مۇنارىنىڭ كۆپ خىل تىپلىق توشىغۇچى راكېتالارنى سىناش ۋە قويۇپ بېرىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغانلىقىدىن بەك خۇش بولۇپ، بازىدىكىلەرنى تېخىمۇ كۆپ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىدا تىرىشىپ يېڭى سەھىپە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  سائەت 10دىن ئاشقاندا شى جىنپىڭ بازىدىكى مەدەنىيەت- تەنتەربىيە مەركىزىگە كېلىپ، مۇئاۋىن تۈەنجاڭ دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە، قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئۇزاققىچە ئۈزۈلمىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  ئارقىدىن شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئالەم قاتنىشىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، بۇرچنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىشنى كۈچەيتىشىمىز، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىي ئىجادىيەتنى كۈچەيتىپ، ئالەم بوشلۇقىغا يۈرۈش قىلىشتىكى جۇڭگو يۈكسەكلىكىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىشىمىز كېرەك. قىسىمنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ راۋاجلاندۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىچە ئۇرۇش كۈچلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ بىرلەشمە ئۇرۇش سىستېمىسىنى بىرىكتۈرۈشنى تېزلىتىپ، چاقىرغان ھامان كېلەلەيدىغان، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئارمىيە- خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئارمىيە- خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئىزدىنىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، تېخنىكا، كەسىپ، ئەسلىھە، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭقۇر بىرىكىش يولى ئېچىپ، ئالەم بوشلۇقى ساھەسىدىكى ئارمىيە- خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىدا مەملىكەت ۋە پۈتۈن ئارمىيە بويىچە ئالدىدا مېڭىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېسىل ئەنئەنىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىدىيەۋى- سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىدىغان ئىنقىلابىي غەيرەتنى، يېڭىلىق يارىتىپ، ھالقىپ، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەيدىغان كەسپىي ئىزدىنىشنى، ئېھتىياتچان، ئىنچىكە بولۇپ، تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىدىغان خىزمەت ئىستىلىنى ساقلاپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە ۋە ئالەم قاتنىشىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە يارىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 91- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تەييۈەندە سەنشىدە تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى شىجاڭ دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار ۋە تۈەن دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز