شى جىنپىڭ ترامپ بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى   شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلانىيە ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشتى   شى جىنپىڭ بىلەن ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا Ⅱ ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو بىلەن ئىيوردانىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى   ئاپتونوم رايون 2017-يىللىق چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مەركەزلىك ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى   شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، تۇنجى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى   ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كونا رايونلارنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ئاپتونوم رايون رەھبىرىي كادىرلار پاكلىق تەربىيەسى دەرسخانىسى ۋە 19- قېتىملىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

2017.06.26 12:11 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقى بىلەن، ئاپتونوم رايون 6- ئاينىڭ 23- كۈنى 2017- يىللىق 2- قېتىملىق رەھبىرىي كادىرلار پاكلىق تەربىيەسى دەرسخانىسى ۋە 19- قېتىملىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لو دۇڭچۈەن باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  لو دۇڭچۈەن پاكلىق تەربىيەسى دەرسخانىسىدا «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلايلى» دېگەن باش تېمىدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا مۇھىم باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، يەنىلا ۋەزىپە ئېغىر، مۇساپە ئۇزۇن؛ «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىينى تەكىتلەپ، دىققەت ۋە كۈچنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرەيلى؛ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىش ئاساس، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش مۇھىم كاپالەت؛ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويايلى؛ ھەرگىز توختاپ قالماسلىق جاسارىتىمىز بىلەن ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چىڭ، ياخشى تۇتۇپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرنى مەركەزلىك تۈزەيلى؛ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ۋە قەتئىي يول قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ھالەت»تىن توغرا پايدىلىنايلى قاتارلىق سەككىز جەھەتتە مەخسۇس تېمىدا پارتىيە دەرسى دوكلاتى بەردى.

  بۇ قېتىمقى تەربىيە ئېيى پائالىيىتىنىڭ باش تېمىسى «دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ئېسىل ئىستىل يېتىلدۈرۈش» بولۇپ، رەھبىرىي كادىرلار پاكلىق تەربىيەسى دەرسخانىسى، مەخسۇس تېمىدىكى مۇزاكىرە، ئىبرەت تەربىيەسى، ئائىلىسىدىكىلەر پاك بولۇشقا ياردەم بېرىش، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامى بىلىملىرىدىن زېھىن سىناش قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيەۋىلىك ئېڭى، تەشكىلىي ئېڭى ۋە ئىنتىزامچانلىق ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيەلىك كادىرلارغا بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىينى تەكىتلەپ، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى ئۈزلۈكسىز پاكلاشتۇرۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات جەھەتتىكى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش مەقسەت قىلىنغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىدە ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس ۋاڭ جۈن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى دەرسخانىدا دەرس ئۆتۈش شەكلى جانلىق، سۆزلەنگەن مەزمۇنلار كونكرېت، چوڭقۇر بولۇپ، ھوشيارلىقىمىزنى ئاشۇردى، تەسىرى زور بولدى. پارتگۇرۇپپا شۇجىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىمنى زىممەمگە ئېلىپ، ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ، سىياسىي ئىنتىزامغا، بولۇپمۇ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات»نى قەتئىي تۈزەپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپ كۈچ توپلايمەن.

  شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملار، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چوڭ، ئوتتۇرا كارخانىلار، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئورگىنى، كۆزىتىش ئاپپاراتىدىكى بارلىق كادىرلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ 2017- يىللىق ئەتىيازلىق كۇرسىدىكى بارلىق كۇرسانتلار ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 800 كىشى دەرس ۋە باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز