شى جىنپىڭ ترامپ بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى   شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلانىيە ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشتى   شى جىنپىڭ بىلەن ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا Ⅱ ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو بىلەن ئىيوردانىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى   ئاپتونوم رايون 2017-يىللىق چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مەركەزلىك ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى   شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، تۇنجى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى   ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كونا رايونلارنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

2017.06.26 11:47 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 20- ئىيۇن تېلېگراممىسى. پىژغىرىم ئىسسىقنىڭ تەپتى زېمىننى قىزىتىۋاتقان بولسىمۇ، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىنىڭ يار بازىرى جاي كەنتىدىكى دېھقان تۇرسۇن سەيدۇللا كارىزدىن ئېقىپ چىققان مۇزدەك سۈزۈك سۇدىن سالقىن ۋە راھەت ھېس قىلىۋاتاتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كارىز قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى، ھازىر كارىز سۈيىدە كۈنىگە 20 نەچچە مو يەرنى سۇغىرالايمىز.

  بۇ ئۆزگىرىش ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قوغداش ۋە پايدىلىنىش قۇرۇلۇشىنىڭ پايدىسىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن. ئىگىلىنىشىچە، بەش قېتىملىق قۇتقۇزۇش خاراكتېرىدىكى پۇختىلاش قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرتكىسىدە تۇرپان شەھىرىدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان كارىزلارنىڭ سۇ چىقىرىش مىقدارى %30 ئاشقان، بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى 6 قېتىملىق قۇرۇلۇش يولغا قويۇلىدىكەن.

  «يەر ئاستى قانىلى» دېگەن نامغا ئىگە كارىز قەدىمكى سۇچىلىق ئەسلىھەسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولۇپ، دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئورۇن قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. كارىزلاردا ئۇزاقتىن بۇيان رېمونت قىلىنماسلىق تۈپەيلىدىن كونىراپ كېتىش ۋە توسۇلۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى ئېغىر بولغاچقا، نۇرغۇن بۆلەكتە ئۆرۈلۈپ چۈشۈش خەۋپى بار ئىدى. بۇنىڭدىن سىرت، كارىزنىڭ سۇ مەنبەسى ۋە سۇغىرىش رايونىدا قۇدۇق زىيادە كۆپ قېزىلىپ، يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئورنى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ، كارىز قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان.

  دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى باش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى بۇ قەدىمكى سۇچىلىق ئەسلىھەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن 2009- يىلىدىن باشلاپ 93 مىليون 170 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭدىكى 164 كارىزنى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك پۇختىلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 15 مىڭ 744 كارىزنى پۇختىلىدى، 714 كىلومېتىرغا يېقىن كارىزنىڭ لېيىنى ئېلىپ راۋانلاشتۇردى.

  مەملىكەتلىك 3- قېتىملىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، شىنجاڭدا 1540 كارىز ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئاساسلىقى تۇرپان قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز