شى جىنپىڭ ترامپ بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى   شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلانىيە ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشتى   شى جىنپىڭ بىلەن ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا Ⅱ ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو بىلەن ئىيوردانىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى   ئاپتونوم رايون 2017-يىللىق چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مەركەزلىك ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى   شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، تۇنجى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى   ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كونا رايونلارنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

شى جىنپىڭ سەنشىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى:

ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك

2017.06.24 10:02 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن 23- كۈنىگىچە سەنشىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن كېيىن شىنجۇ شەھىرىنىڭ كېلەن ناھىيەسى جاۋجياۋا كەنتىدىكى قىيىنچىلىقى ئېغىر ئاھالە ليۇ فۇيۇنىڭ ئۆيىدە نامراتلارنى يۆلەش قوللانمىسىنى كۆرمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)
  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تەييۈەن، 23- ئىيۇن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا سەنشىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنى ئېچىش − پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا ياخشى مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

  بىپايان سەنشى زېمىنىدا جۇشقۇن كەيپىيات ئەۋج ئالغانىدى. شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن 23- كۈنىگىچە سەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لو خۇينىڭ، ئۆلكە باشلىقى لۇ ياڭشېڭنىڭ ھەمراھلىقىدا لۈلياڭ، شىنجۇ، تەييۈەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيى، ئىنقىلابىي كونا جايلارنى زىيارەت قىلدى، يېزا، كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  لۈلياڭ تاغلىق رايونىغا جايلاشقان لۈلياڭ شەھىرىنىڭ شىڭشيەن ناھىيەسى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى ۋە ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە سەنشى- سۈييۈەن چېگرا رايونىنىڭ مەركىزى تۇرۇشلۇق جاي ۋە 8- ئارمىيە 120- شىسىنىڭ ئاساسلىق جەڭگاھىنىڭ بىرى ئىدى. شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدىن لۈلياڭغا كېلىپ، ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا، ئاپتوموبىللىق ئىككى سائەتچە يول يۈرۈپ، شىڭشيەن ناھىيەسىدىكى سەيجيايا كەنتىگە كېلىپ، سەنشى- سۈييۈەن چېگرا رايونىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارغا گۈل تەقدىم قىلدى، سەنشى- سۈييۈەن چېگرا رايونى ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، سەنشى- سۈييۈەن چېگرا رايونلۇق ھۆكۈمەت، سەنشى- سۈييۈەن ھەربىي رايونى سىلىڭبۇسىنىڭ كونا ئورنىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. رەتلىك تىزىلغان سۈرەتلەر، ماددىي بۇيۇملار پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ قانات يايدۇرغان ئىنقىلابىي ئۇرۇشنىڭ مەنزىرىسىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. شى جىنپىڭ پات- پات قەدىمىنى توختىتىپ، سىنچىلاپ قاراپ، بەزى ئىنچىكە ھالقىلارنى سورىدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يەرگە كېلىپ، چوڭقۇر تەسىراتقا ھەم تەربىيەگە ئىگە بولدۇم. پارتىيەمىزنىڭ ھەر بىر ئىنقىلابىي تارىخى غايە- ئېتىقاد توغرىسىدىكى جانلىق دەرسلىك. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار جەزمەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، مىللىي مۇستەقىللىق، خەلقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن جان پىدا قىلغان ئىنقىلابىي ئەجدادلارنى مەڭگۈ ئەستىن چىقارماي، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ كۈرەش قىلىش روھىنى، خەلققە بولغان پاك ۋىجدانىنى مەڭگۈ ساقلاپ، تىرىشىپ خەلققە تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئېكسكۇرسىيە ئاخىرلاشقاندا، سەنشى- سۈييۈەن چېگرا رايونىدىكى پېشقەدەم جەڭچى، پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى بىلەن بىر- بىرلەپ قول ئېلىشپ كۆرۈشۈپ، سەمىمىي سۆھبەتلەشتى، ئۇلارنىڭ تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇلارغا سالامەتلىك، ئۇزاق ئۆمۈر، بەخت تىلىدى ھەم ئۇلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. شى جىنپىڭ بۇ يەردە ئۆزىنى ساقلاۋاتقان ئاممىنىڭ ئۈنلۈك ئاۋازدا «باش شۇجى ياخشىمۇسىز!»، «باش شۇجى جاپا چەكتىڭىز!» دەپ ئالقىش ياڭرىتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ قېشىغا بېرىپ، يۇرتداشلار بىلەن قول ئېلىشپ كۆرۈشتى، كۆپچىلىككە ئېھتىرام بىلدۈردى.

  كونا رايونلاردىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشى قانداق؟ كونا رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى قانداق ئىشلىنىۋاتىدۇ؟ شى جىنپىڭ بۇ مەسىلىلەرگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى. شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتوموبىللىق بىر سائەتتىن كۆپرەك يول يۈرۈپ، شىنجۇ شەھىرى كېلەن ناھىيەسىنىڭ جاۋجياۋا كەنتىگە كېلىپ، خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى.

  جاۋجياۋا كەنتى لۈلياڭ تاغلىق رايونىدىكى قىيىنچىلىقى ئېغىر تۇتاش رايونلار بويىچە ئەڭ نامرات كەنت ئىدى. شى جىنپىڭ قىيىنچىلىقى ئېغىر ليۇ فۇيۇ، ساۋ ليۇرېن، ۋاڭ سەننۈنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، ئۇلارنى يوقلىدى. ئۇ قايسى ئۆيگە كىرسە، شۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ئىنچىكە كۆزىتىپ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى، ئۆي ئىگىسى بىلەن كىرىم- چىقىمنى ھېسابلاپ، نامراتلىقنىڭ سەۋەبى ۋە نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئۈنۈمىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ ليۇ فۇيۇ ۋە ئۇنىڭ 71 ياشلىق خوتۇنى، 92 ياشلىق ئانىسى ئۈچەيلەننىڭ سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلاردىن كېسەللىك سەۋەبىدىن نامراتلىشىش، قايتا نامراتلىشىش مەسىلىلىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ساۋ ليۇرېن باش شۇجى شى جىنپىڭغا مۇنداق دېدى: قىيىنچىلىقى ئېغىر ئائىلىلەر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆپ ياردىمىگە ئېرىشتى، ئۆتمۈشتە بۇلارنى چۈشىمىزدىمۇ كۆرۈشكە پېتىنالمايتتۇق. شى جىنپىڭ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «پارتىيە، ھۆكۈمەت پۇقرالار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلاش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز». ۋاڭ سەننۈنىڭ ئېرى بىلەن ئوغلى ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئوغۇل نەۋرىسى بىلەن قىز نەۋرىسى مېيىپ، ئاجىز ئىدى، شى جىنپىڭ ئۇلارنى ياخشى ياشاشقا ئىلھاملاندۇردى، يەرلىكتىكى كادىرلارغا بۇ ئىككى بالىنىڭ ئالاھىدە مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىش مەسىلىسىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تاپىلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىللىق، سەمىمىي سۆزلىرى ۋە چەكسىز غەمخورلۇقى قىيىنچىلىقى ئېغىر ئائىلىدىكىلەرنى ۋە نەق مەيداندىكى ھەممەيلەننى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى.

  شى جىنپىڭ ئارقىدىن كەنتتىكى بىردىنبىر ئىشلەپچىقىرىشقا، تۇرمۇشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ مەنبەسى − تېيىز سەزمە قۇدۇقنى كۆزدىن كەچۈردى، كۆممىقوناقلىقنىڭ قىرىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، قۇر ئارىلاپ تېرىلغان قىزىل يېسسىمۇققا يېپىلغان نېپىز يالتىراقنى ئېچىپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ نەملىكنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى ئىگىلىدى، كەنتتە تۇرۇشلۇق نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئىشخانىسىدا ناھىيەدىن كېلىپ تۇرۇۋاتقان نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى ئەترىتىدىكىلەردىن ھال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نامرات نوپۇس ۋە نامرات رايونلارنى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە كىرگۈزۈش پارتىيەمىزنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى، ۋەزىپىنىڭ قانچىلىك مۈشكۈل بولۇشىدىن، قانچىلىك قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، بۇ ۋەدىنى جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ خىزمەتلەرنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن پۇختا ئىشلەپ، نامرات ئاممىنى غەمدىن خالاس قىلىش داۋامىدا ئۆزىنىڭ قىممىتىنى نامايان قىلىشىنى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەردىن ئايرىلىدىغان چاغدا كەنتتىكىلەر ئۇنى ئۇزىتىپ قويدى، ئالقىش ساداسى پۈتۈن كەنتنى قاپلىدى.

  سۇڭجياگۇ يېڭى كەنتى كېلەن ناھىيەسىنىڭ نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە مەركەزلىك ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسى. بۇ يەردە يېڭى تۇرالغۇلار پۈتكەن بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى بەس- بەستە كۆچۈۋاتاتتى. شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ، كېلەن ناھىيەسىنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش خىزمىتى ۋە نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، سۇڭجياگۇ يېڭى كەنتىنىڭ يىرىك پىلانى ۋە قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن نامرات ئاھالە جاڭ گۇيمىڭنىڭ ئۆيىنى تەپسىلىي كۆزەتتى، ئۇلارنىڭ يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىش جەريانىدا قانچىلىك ياردەم پۇلى ئالغانلىقى، ھازىر تۇرمۇشىنىڭ قانداقلىقى، يەنە قانداق قىيىنچىلىقى بارلىقىنى سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ ھازىرقى باسقۇچىدا كۆك نامراتلىق مەسىلىسىنى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىش كېرەك. كەنت بويىچە كۆچۈرۈشنى يولغا قويۇشتا، ئالدىن پىلانلاش، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش، كىشىلەرنى قەيەرگە كۆچۈرۈش، پۇلنى قەيەردىن غەملەش، يەرنى قەيەردىن ئايرىش، ئۆينى قانداق سېلىش، كىرىمنى قانداق ئاشۇرۇش، ئېكولوگىيەنى قانداق قوغداش، يېڭى كەنتنى قانداق باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، كونكرېت مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭ كەنت ئاھالىلىرىگە مۇنداق دېدى: يۇرتداشلارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىللە، يەڭنى تۈرۈپ، غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن كېيىن تەييۈەن شەھىرىدە «تەييۈەن» ئېغىر سانائەت رېلىسلىق قاتناش ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتى ۋە سەنشى «گاڭكې» كاربون ماتېرىيالى چەكلىك شىركىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ «تەييۈەن» ئېغىر سانائەت رېلىسلىق قاتناش ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىدە چاق سېخى، قېزىش ماشىنىسى سېخىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ھەرە كونترولخانىسى، سوقۇپ پىروكاتلاش كونترولخانىسى ۋە مەشغۇلات نەق مەيدانىدىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر بىلەن پىكىرلىشىپ، كارخانىنىڭ رېلىسلىق قاتناش ئۈسكۈنىلىرىنى ئېچىش، لايىھەلەش، ياساش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئارقىدىن سەنشى ئۆلكىسىنىڭ جابدۇق ياسىمىچىلىق، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، ئېنېرگىيە تېجەش- مۇھىت ئاسراش، يېڭى ماتېرىيال، زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى قاتارلىق جەھەتلەردە كارخانىنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىپ قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە دائىر كۆرگەزمىنى كۆرۈپ، ئۆلكە بويىچە بايلىق تىپىدىكى ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، كارخانىنى سۇبيېكت، بازارنى يېتەكچى، تېخنىكا ئۆزگەرتىش، تېخنىكا تەرەققىياتى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. كارخانىلارنىڭ كەسىپلەرگە تەشكىللەش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىشىنى قوللاپ، نەزەرنى خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىلغار ئۈلگىلەرگە ئاغدۇرۇپ، مەھسۇلات تېخنىكىسى، ھۈنەر- سەنئەت، ئۈسكۈنە - جابدۇق، ئېنېرگىيە ئۈنۈمى، مۇھىت ئاسراش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. كارخانىلارنىڭ ئېلىمىزنىڭ قاتناش تەرەققىياتى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تارىخىي پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە داڭلىق ماركا يارىتىش قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ زور زېمىن ھازىرلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ سەنشى «گاڭكې» كاربون ماتېرىيالى چەكلىك شىركىتىدە يۇقىرى دەرىجىلىك كاربونلۇق تالانى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، ئىشلىتىش ئەھۋالىنى سىنلىق ئىگىلىدى، T800 دەرىجىلىك يۇقىرى ئىقتىدارلىق كاربونلۇق تالا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر- سەنئىتىنى ئىگىلىدى، كۆرگەزمە مەھسۇلاتىنى كۆردى، نەق مەيداندىكى پەن- تېخنىكا خادىملىرى بىلەن پىكىرلەشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى ماتېرىيال كەسپى ئىستراتېگىيەلىك، ئۇل خاراكتېرلىك كەسىپ، شۇنداقلا يۇقىرى تېخنىكا رىقابىتىدىكى ئاچقۇچلۇق ساھە، بىز غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، قوغلاپ يېتىشىۋېلىشىمىز كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەمىنلەش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى. ئامىل سېلىنمىسى ۋە يانداش سىياسەتنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش- ئوقۇتۇش- تەتقىقاتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانا، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، بولۇپمۇ بارلىق پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى ھەقىقىي قوزغاپ، ئۇلارنى ھەم پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش تۇيغۇسىغا، ھەم نەتىجىنى ئايلاندۇرۇش پايدىسىدىن بەھرىمەن بولۇشتەك ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ كۆزدىن كەچۈرۈش مەزگىلىدە سەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، سەنشىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ سەنشىدىكى بارلىق كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتتا دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، خىرىسقا كەسكىن تاقابىل تۇرۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە ماھىر بولۇپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بايلىق تىپىدىكى رايون ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپلەر كۆپ مەنبەلىك تىرەك بولىدىغان قۇرۇلما ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش سەنشىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا چوڭقۇر ئويلىنىش ۋە بۆسۈش ھاسىل قىلىش زۆرۈر بولغان چوڭ تېما. مەركەز سەنشى ئۆلكىسىگە دۆلەتنىڭ بايلىق تىپىدىكى ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش بويىچە ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھات سىناق رايونى قۇرۇپ چىقىش مۇھىم ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى. سەنشى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنى چەكلەيدىغان قۇرۇلما، تۈزۈلمە، ساپا خاراكتېرلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېڭلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، ياخشى سودا مۇھىتى يارىتىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىساد تىپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەر سەرخىل، سۈپىتى يۇقىرى، ئۈنۈمى ياخشى بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك. زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، تىجارەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تۇتقا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ تېخنىكا ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش سىياسىتىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ بازارغا كىرىشتىكى تەشكىللىنىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپ يوللار ئارقىلىق ئاشۇرۇش كېرەك. سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، جامائەت مۇلازىمىتىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش كېرەك. يېزا خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشتىكى تۈزۈلمە، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى بىلىدىغان، يېزىنى سۆيىدىغان، دېھقانلارغا كۆيۈنىدىغان كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ، سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى، شەھەر بىلەن يېزىنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەمىز خەلقنى بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئىنقىلاب قىلدى، قۇرۇلۇش قىلدى، ئىسلاھاتنى تۇتتى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىللە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىرىم تەقسىماتى، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالاش- ساقلىق ساقلاش، تۇرالغۇ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى، جامائەت ئامانلىقى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا، جەمئىيەتنىڭ تىنچ- تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئوتتۇرىغا قويۇلغان خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار ھەر بىر ئەمەلىي ئىشلارنى ئاخىرغىچە تۇتۇپ، بىر- بىرلەپ بېجىرىپ، يىلمۇيىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش تەرەققىيات قارىشىدىكى چوڭقۇر ئىنقىلاب. ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، تەبىئىي ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، بايلىقنى تېجەپ، تۈجۈپىلىك ئىشلىتىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە پەۋقۇلئاددە تەدبىر قوللىنىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ھەر تەرەپلىمە، ئومۇمىي دائىرىدە، پۈتۈن جەرياندا قانات يايدۇرۇش كېرەك. زېمىننى كۆكەرتىش ھەرىكتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، ھەر بىر كىشى نەچچە تۈپ كۆچەت تىكىپ، يىلدا نەچچە پارچە يېشىللىق بەرپا قىلىپ، يىلدىن- يىلغا داۋاملاشتۇرۇپ، ۋەتەن تۇپرىقىدا يېشىللىقنى بارغانسېرى كۆپەيتىپ، تاغ- دەريالارنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىش پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتىكى تۈپ خاراكتېرلىك ئاساسىي خىزمەت. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى «يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە مىزان»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ سىياسىۋىلىكى، دەۋرىيلىكى، پىرىنسىپاللىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇشى كېرەك. پارتىيەلىك كادىرلارغا ئاڭلىق ھالدا پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن چېنىقتۇرۇش، ئۆزىنى تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك تۈزۈم- ئىنتىزاملىرىنى كەم- كوتسىز ئىجرا قىلىپ، ئۆزىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقىشى ۋە ھەل قىلىشى توغرىسىدا تەربىيە بېرىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىسى، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى ئېسىل مەدەنىيىتى، ئىنقىلاب مەدەنىيىتى، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى يۇغۇرۇپ، پارتىيەنىڭ توغرا كەيپىياتقا تويۇنغان سىياسىي تۇرمۇش مەدەنىيىتىنى يارىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەدە ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش نەتىجىسىنى پارتىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ سىجىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ جاسارىتىنى ئىسلاھات، تەرەققىياتقا يۈزلەندۈرۈپ، پاك كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئىش قىلىش پۇرسىتى بېرىپ، ئىش قىلىدىغانلارغا تېخىمۇ پاكىز مۇھىت يارىتىپ بېرىپ، ھەم پاكىز، ھەم ئىش قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ تالانتىنى خاتىرجەم نامايان قىلدۇرۇشى ۋە ئۈزۈپ چىقىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە ئىشلىرىنىڭ ئۆزئارا بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەڭ ئىلگىرىلىشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ، ۋاڭ ياڭ، لى جەنشۇ ۋە مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز