شى جىنپىڭ ترامپ بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى   شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلانىيە ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشتى   شى جىنپىڭ بىلەن ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا Ⅱ ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو بىلەن ئىيوردانىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى   ئاپتونوم رايون 2017-يىللىق چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مەركەزلىك ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى   شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، تۇنجى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى   ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كونا رايونلارنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

خۇ چۈنخۇا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە- ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ قەشقەر ۋىلايىتىگە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈش ۋە ئۇدۇللاشتۇرۇش ئۈچۈن كەلدى

مەركەزنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىغا يېڭى تۆھپە قوشىمىز

2017.06.24 10:00 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خۇ چۈنخۇا 6- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن 23- كۈنىگىچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە- ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ قەشقەر ۋىلايىتىدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە ئۇدۇللاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

  شىنجاڭغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، خەلق تۇرمۇشى، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى، مائارىپ ۋە داۋالاش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، نىشانلىق ياردەم بېرىلگەن جايلارنىڭ «قان ئىشلەپچىقىرىش» ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى، ئۆلكە بويىچە 943 كادىر ۋە كەسپىي خادىمنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 15 مىليارد 523 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە 674 تۈرنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  خۇ چۈنخۇا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى قەشقەردىكى مەزگىلىدە، قەشقەر شەھىرى، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى، پەيزاۋات ناھىيەسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 3- شىسىغا بېرىپ، زاۋۇت، كەنت، مەكتەپلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، يەرلىكنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى، «قوش تىل» مائارىپى، قەشقەر «خەلقئارا» ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى يېڭى مەكتەپ رايونى قۇرۇلۇشى، سوخۇ بازىرىدىكى گۇاڭدۇڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسىپلەر سانائەت رايونىنىڭ 1- قارارلىق تۈرى قاتارلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى.

  گۇاڭدۇڭ . شىنجاڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى قەشقەر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى ما شىڭرۈي گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، خۇ چۈنخۇا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتى بىلەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشتى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: كەسىپلەر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى ئاساسىي ھۇجۇم نىشانى قىلىش كېرەك. كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ نۇقتىلىق كەسىپلەر رايونى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ سانائەت تۈرلىرىنىڭ قەشقەرگە ماكانلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپلەرنىڭ قاتلىمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قەشقەرنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، قەشقەرنىڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، قەشقەر «خەلقئارا» ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولىدىغان، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈرلەرنى كۆپلەپ كىرگۈزۈش كېرەك. مائارىپ ۋە سەھىيە ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ياخشى يولغا قويۇپ، «قوش تىل» مائارىپى بويىچە تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، نامرات كەنت ۋە نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئۆزگىچە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك، سەھرا ساياھەتچىلىكى قاتارلىق تۈرلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك.

  خۇ چۈنخۇا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان گۇاڭجۇ، شېنجېن، فوشەن، دۇڭگۈەن، جۇڭشەن قاتارلىق شەھەرلەر ۋە ئۆلكىدىكى ئالاقىدار تارماقلار نىشاننى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچەيتىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىشى كېرەك. شىنجاڭغا 8- تۈركۈمدە نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىرلار سىياسىي مەيدانىنى مۇستەھكەملەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى ئاڭلىق قوغداپ، مەركەزنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى كەم- كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئىجرا قىلىشى؛ يەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىگە ئاڭلىق بويسۇنۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتلىنىپ، ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قەشقەردىكى ھەر مىللەت ئاممىغا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى پەيدا قىلغان ئۆزگىرىشلەرنى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ غەمخورلۇقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا ۋە خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭ خىزمىتىگە ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۇنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئومۇمىي يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، شىنجاڭغا ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، قەشقەرنىڭ ئىناق- مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. بىز گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە دائىر ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇل، ياخشى ئەندىزىسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئەينەك قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»دىن ئىبارەت زور پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئېلىمىزنىڭ قۇرۇقلۇق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىمىز. بىزنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى قاتارلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشقا تىرىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجە بىلەن كۈتۈۋېلىشقا ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىز بار.

  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى بىلەن بىڭتۈەن 6- ئاينىڭ 22- كۈنى بىڭتۈەن 3- شىسىدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەننىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ بىڭتۈەننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىز شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىنى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، بۇ تۈرلەر قەشقەر (گۇاڭدۇڭ) توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم - كېچەك سانائەت رايونىنى بىللە قۇرۇش، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە باشقۇرۇش، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا سەھىيە جەھەتتە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى رامكا كېلىشىمى، پەن- تېخنىكا جەھەتتە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش رامكا كېلىشىمى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، ئىختىساسلىقلار، كەسىپ قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرى ۋە ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ تۈرلەرگە چېتىشلىق ئومۇمىي سېلىنما 5 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.

  ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن لى پېڭشىن، پېڭ جيارۈي، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ ۋېيجۇڭ، لىن شاۋچۈن، زۇ مىڭ، جياڭ لىڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز