شى جىنپىڭ ترامپ بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى   شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلانىيە ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشتى   شى جىنپىڭ بىلەن ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا Ⅱ ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو بىلەن ئىيوردانىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى   ئاپتونوم رايون 2017-يىللىق چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مەركەزلىك ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى   شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، تۇنجى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى   ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كونا رايونلارنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ئاپتونوم رايوننىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى:

نىشاندىن قەتئىي تەۋرەنمەي، مىنۇت- سېكۇنتنىمۇ قولدىن بەرمەي، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك

2017.06.24 09:58 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 6- ئاينىڭ 23- كۈنى تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىلقى تۇراقلىق مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش ۋەزىپىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشكە قايتا يېتەكچىلىك قىلدى، قايتا ھەيدەكچىلىك قىلدى ۋە قايتا ئورۇنلاشتۇردى. يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە يۇقىرىدىن - تۆۋەنگىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، خىزمەتلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قانات يايدۇردى، ئاپتونوم رايون بويىچە تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ياخشى باشلىنىپ، قەدەم پۇختا ئېلىنىپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئايمۇ ئاي تېزلەشتى. بىراق پۈتۈن يىللىق نىشان- ۋەزىپە تەلىپى بىلەن سېلىشتۇرغاندا پەرق يەنىلا زور. جايلار، تارماقلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىككى بەنزە» خىزمەت مېخانىزمىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تەرەققىياتنى تۇتۇشقا تېخىمۇ كۈچىشى كېرەك. بىرىنچى، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى يېتەكچى قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىغا ئالاقىدار نىشان- ۋەزىپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ۋاقىت ۋە ئۈنۈم قارىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەخسۇس مەسئۇل ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەسىلىنى تۈرگە ئايرىپ ھەل قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام چىڭىتىپ، مەبلەغ سېلىش ۋەزىپىسىنىڭ سۈرئەت بويىچە ئىلگىرىلىشى، تەلەپ بويىچە ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى قانۇن- نىزام بويىچە كېڭەيتىش كېرەك. دۆلەت سىياسىتىنىڭ قىزىل سىزىقى ۋە تۆۋەن چېكىگە تەگمەسلىك ئالدىنقى شەرتىدە ھازىرقى سىياسەتتىن ياخشى، جانلىق ۋە تولۇق پايدىلىنىشقا كۈچەپ، مالىيە، پۇل مۇئامىلە ۋاسىتىسىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇقنى بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەملىكەتلىك مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇقنى بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەستىقلاشنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىپ، تەستىقلاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل سانائەت تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى پۈتۈن جەمئىيەتتىكى تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەش پىلانلاندى، سانائەت سېلىنمىسىنىڭ ئورۇندىلىش- ئورۇندالماسلىقى 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن سېلىنما ۋەزىپىسىنى تاماملاش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، پۈتۈن يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %7 ئاشۇرۇش نىشانىغا يېتىشكە مۇناسىۋەتلىك. جايلار، تارماقلار سانائەتتىكى نۇقتىلىق تۈرلەردە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، چوڭ- چوڭ تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك رەسمىيەتلىرىنى تەستىقلاش خىزمىتىنىڭ ئاستا بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، ھەممەيلەن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، سانائەتتىكى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ «توسالغۇسىز» بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تۈرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈرۈشتە، بالدۇر ئىش باشلاش، بالدۇر قۇرۇلۇش قىلىش، بالدۇر سېلىنما ناتۇرالىنى شەكىللەندۈرۈپ، سانائەت سېلىنمىسىنى تېزلىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ياخشى مۇھىت يارىتىپ، «ئېلېكتىرلەشكەن شىنجاڭ» بەرپا قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، توك باھاسى تۆۋەن بولۇش ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۆۋەن توك باھاسىنى مەبلەغ جەلپ قىلىش، كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ھالقىلىق تەدبىرى قىلىش كېرەك. يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ، سانائەت سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەش، بولۇپمۇ سانائەتنىڭ پۈتۈن ساھە بويىچە ماسلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ياخشىلاش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، گۈللەنمە كەسىپلەرنى زورايتىپ ۋە يېتىلدۈرۈپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن سانائەت سېلىنمىسى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شۆھرەت زاكىر يەنە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: جايلار، تارماقلار تەشكىلىي رەھبەرلىكنى، ماسلاشتۇرۇپ ھەمكارلىشىشنى، تەشۋىقات، يېتەكلەش ۋە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك، ئاپتونوم رايون ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش بىلەن تەكشۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق تەكشۈرۈش، ئىز قوغلاپ ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرۈش، ئىز قوغلاپ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، جايلار، تارماقلارنىڭ ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئايمۇ ئاي ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ۋەزىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، ۋەزىپىنى تاماملاش ئەھۋالى ياخشى بولمىغان رايونلار، تارماقلار ۋە ئۇلارنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرىدۇ.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە نازارىتى، قاتناش- تىرانسپورت نازارىتى، بىڭتۈەن ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتى، بورتالا ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ئۈرۈمچىدىكى ئاساسىي يىغىن مەيدانى ۋە جايلاردىكى تارماق يىغىن مەيدانىدا تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى ۋە سانائەتتىكى نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئايرىم- ئايرىم دوكلات قىلدى، خىزمەت تەجرىبىلىرى ۋە تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز