شى جىنپىڭ ترامپ بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى   شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلانىيە ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشتى   شى جىنپىڭ بىلەن ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا Ⅱ ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو بىلەن ئىيوردانىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى   ئاپتونوم رايون 2017-يىللىق چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مەركەزلىك ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى   شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، تۇنجى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى   ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كونا رايونلارنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

شىنجاڭ ئىشلەپ چىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى تيەن جيەنرۇڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، پارتىيەدىن قوغلاندى ۋە خىزمەتتىن ھەيدەلدى

2017.06.23 11:51 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئۆز خەۋىرىمىز. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى تيەن جيەنرۇڭنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن.

  تەكشۈرۈلۈشىچە، تيەن جيەنرۇڭ سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق كۆرسەتكەن؛ تەشكىلىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، شەخسىي ئىشلىرىنى ئەينەن دوكلات قىلمىغان، مەسىلىسىنى تەشكىلگە ئەينەن چۈشەندۈرمىگەن، كادىرلارنى ئۆستۈرۈش- تەيىنلەش جەھەتتە باشقىلارغا نەپ يەتكۈزگەن ھەم پۇل- مال پارا ئالغان؛ پاكلىق ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھوقۇق سودىسى قىلغان، سوۋغات قوبۇل قىلغان، خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ ئىگىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان ساياھەتلەرگە بارغان؛ خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار مۇلازىمىتى، كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنى ئېچىش، دۆلەت ئىلكىدىكى شىركەتلەرنىڭ چوڭ- چوڭ تىجارەت پائالىيەتلىرى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنى قايتا تەشكىللەپ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىقلارغا ئارىلاشقان ۋە قول تىققان؛ تۇرمۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلار بىلەن ناتوغرا جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغان؛ دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇشى جەھەتتە نەپ يەتكۈزگەن ھەم پايدا تەلەپ قىلغان، نۇرغۇن مال- مۈلۈكنى قوبۇل قىلغان، بۇلار پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىلىدۇ.

  تيەن جيەنرۇڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر تۇرۇپ، غايە- ئېتىقادىنى يوقاتقان، ئىنتىزام ئېڭى سۇسلاپ، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، جىنايەت سادىر قىلغان. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن يەنىلا ھوشىنى تاپماي، قولىنى يىغمىغان، خاراكتېرى قەبىھ، قىلمىشى ئېغىر. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشىغا يوللاش ئارقىلىق تيەن جيەنرۇڭغا پارتىيەدىن قوغلاش ۋە خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىش؛ ئىنتىزامغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىش؛ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى، يىپ ئۇچى ۋە جىنايەتكە چېتىشلىق پۇل- ماللىرىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارار قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر