شى جىنپىڭ ترامپ بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى   شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلانىيە ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشتى   شى جىنپىڭ بىلەن ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا Ⅱ ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو بىلەن ئىيوردانىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى   ئاپتونوم رايون 2017-يىللىق چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مەركەزلىك ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى   شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، تۇنجى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى   ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كونا رايونلارنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ساقلايمىز

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى غانىبات سابىكەي

2017.06.23 11:50 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5- يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىدە ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، بىر قاتار زور نەزەرىيەۋى قاراش، زور ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيە، زور خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئۇنىڭ ئىدىيەسى چوڭقۇر، ئومۇمىيەت ئىگىلەنگەن، مەزمۇنى مول، چوڭقۇر مەنىلىك ۋە سەمىمىي، تەسىرلىك بولۇپ، شىنجاڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۇرۈلۈپ، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان چوڭقۇر غەمخورلۇقى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل ۋە بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشىشكە بولغان ياخشى تىلىكى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا بولغان سەمىمىي ئۈمىدى تولۇق ئىپادىلەندى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى يەنىمۇ بېيىتىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇلۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىلمىي قىبلىنامە ۋە تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلەندى.

  بىرىنچىدىن، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قوغداشنى قەتئىي ھالدا ئەڭ زور سىياسىي ۋەزىپە، خىزمەتلەرگە باھا بېرىشتىكى تۈپ ئۆلچەم قىلىشىمىز كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەقىقىي يوسۇندا ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىدىيەمىزنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرۇمىسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تۈرلۈك سىياسەت- تەدبىرلەرنى قەدەممۇ قەدەم ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر، ياخشى تۇتۇپ، «قالدۇق كۈچلەرنى قېزىپ چىقىش، كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، مەنبەدىن تازىلاش»نى داۋاملىق يولغا قويۇشىمىز؛ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا- كەنتلىرىگە بولغان كۈچ سېلىنمىسىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، خەۋپ- خەتەرنى ئاساسىي قاتلامدا تۈگىتىپ، بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىشىمىز؛ مەخسۇس تۈزەش بىلەن ئامما تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈش، ئامما ئالدىنى ئېلىش- تۈزەش تەلىپىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى لۇشيەندىن ئىبارەت بۇ ئەڭگۈشتەردىن ياخشى پايدىلىنىشىمىز؛ كەنتتە كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنىڭ كەنتلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، كەنتتە تۇرۇش، ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، ئائىلىلەرگە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامما ئارىسىغا بېرىپ، ئامما بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنى ئويۇشتۇرۇشىمىز؛ جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرى(مەھەللە)دا ئاساسىي قاتلامنىڭ ئامانلىق ساقلاش بويىچە ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا يولغا قويۇپ، ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇش، باشقۇرۇشسىز رايون، يوچۇق، بوشلۇق قالدۇرماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆپنىڭ ئەقىل- پاراستى ۋە كۈچ- قۇدىرىتى مۇجەسسەملەنگەن، ئامما ئالدىنى ئالىدىغان ۋە تۈزەيدىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ «پولات سېپىلى»نى ھاسىل قىلىشىمىز؛ «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق- مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىنى جەنۇبىي شىنجاڭدا يىلتىز تارتقۇزۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنى شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئەمىن تاپقۇزۇش ۋە قۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ يۇمشاق كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش قارىشى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مىللەت، دىنغا چېتىلىدىغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ۋە ھەر خىل زىددىيەتلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، گۈللەندۈرۈشنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى قىلىشىمىز؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ ئاجىز، چېچىلاڭغۇ كەنت دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنى تۈزەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. «بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە جەزمەن قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش قاتارلىق زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى بۇغما ھالەتنى ھەقىقىي بۇزۇپ تاشلىشىمىز كېرەك. ئۈرۈمچىدىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ناھىيەلەرگە تۇتىشىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى ياساشنى تېزلىتىشكە ھەمكارلىشىپ، ھەممە ناھىيەگە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى، يېزىلارغا ئاسفالت يولنى، كەنتلەرگە سېمۇنت يولنى تۇتاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، شەرق ۋە غەربتە شىنجاڭدىن چىقىش يولىنى تىرىشىپ تۇتاشتۇرۇشىمىز؛ 750 كىلوۋولتلىق تارىم ئايلانما لىنىيەلىك ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش قىس بولۇش مەسىلىسىنى تەلتۈكۈس ھەل قىلىشىمىز؛ ئاپتونوم رايوننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە زامانىۋى كەسىپلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش سىياسەت- تەدبىرلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللىشىمىز ۋە ئىلگىرى سۈرۈشىمىز؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىشىنى قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ، مەركەزنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان ياخشى سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز ۋە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك؛ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە شەھەر- بازارلار قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، كەسىپلەرنى كۆجۈملەشتۈرۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك نۇقتىلىق شەھەر- بازارلارنى ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ئەلا بىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىن يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى چىن كۆڭلىدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇشقا يېتەكلىشىمىز؛ ئاپتونوم رايوننىڭ «توققۇز تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش» سىياسىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا يىلتىز تارتىشىنى چىڭ تۇتۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشىمىز كېرەك. يېزىلارنىڭ بىخەتەر ئىچىدىغان سۇ قۇرۇلۇشى، يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، «شىمالنىڭ توكىنى جەنۇبقا يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشى، يېزا يولى قۇرۇلۇشى، جەنۇبىي شىنجاڭدا تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە پايدا يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى، چارۋىچىلارنى ماكانلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى تۈرىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك سۇ، يول، توك، گاز قاتارلىق مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشىمىز؛ شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، ئەمىن تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىشقا دائىر تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىي ۋە ياخشى تۇتۇپ، ئۈچ يىلدا قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىدىكى 100 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ياخشى يولغا قويۇشىمىز؛ جەنۇبىي شىنجاڭدا 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  تۆتىنچىدىن، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قويۇق مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىمىز كېرەك. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق گەۋدىلىك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ ئىلغار ئىش- ئىزلىرىنى ئۆگىنىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ نەمۇنچىلىرىدىن بولۇش پائالىيىتىنى كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرۇپ، كومپارتىيە ياخشى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز ياخشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياخشى مېلودىيەسىنى ياڭرىتىشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىغا دائىر تۈرلۈك ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرۇشنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ئىشنى بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، شارائىتى يار بەرگەن مەكتەپلەر ۋە يەسلىلەردە مىللىي- خەنزۇ ئارىلاش مەكتەپلەردە مىللىي- خەنزۇ ئارىلاش سىنىپ، ئارىلاش ياتاق تەسىس قىلىپ، ھەر مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ بىللە ئوينىشى، بىللە ئۆگىنىشى، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى سىجىل ياخشى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ ياخشى تۇتۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر