شى جىنپىڭ ترامپ بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى   شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلانىيە ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشتى   شى جىنپىڭ بىلەن ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا Ⅱ ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو بىلەن ئىيوردانىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى   ئاپتونوم رايون 2017-يىللىق چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مەركەزلىك ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى   شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، تۇنجى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى   ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كونا رايونلارنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايمىز

ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئۆمەر

2017.06.23 11:49 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاش، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئېلىپ بېرىلغان كەسكىن جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەكلىكى، ھەر بىر ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزاسى، كادىرنىڭ ئىشنى ئاڭلىق ھالدا ئۆزىدىن باشلىشى، تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىشى، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى كېرەكلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

  مەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تۈزۈمى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن شاڭخەي تاموژنا ئىنستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنغان تۇنجى قارارلىق ئاز سانلىق مىللەت سىنىپ ئوقۇغۇچىسى. دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان ياخشى سىياسىتىنىڭ ياردىمىدە، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش، تاموژنا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى. پارتىيەنىڭ تەربىيەسىدە، مەن بىر ئاددىي ئۇيغۇر ئىستۇدېنتتىن تاموژنىنىڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرىغا ئايلاندىم. 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، مەن دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىغا قاتناشتىم ۋە شاھىت بولدۇم، ۋەتىنىمىز قولغا كەلتۈرگەن دۇنيانى ھاڭ- تاڭ قالدۇرغىدەك ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا بولغان ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا يېقىندىن غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقى، زور كۈچ بىلەن قوللاۋاتقانلىقى ۋە خالىس ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق، بولۇپمۇ ئۇيغۇر كادىرلار، ئامما باشتىن- ئاخىر مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، كومپارتىيە بولمىغان بولسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، كومپارتىيە بولمىغان بولسا، ھازىرقى شىنجاڭمۇ بولمايتتى، دېگەننى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشنى ئىدىيەمىز ۋە ئەمەلىيىتىمىزنىڭ ئۆلچىمى ۋە چېكى قىلىپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  بىزنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرىشىمىز مىللىي مەسىلىمۇ، دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس، بەلكى بىر مەيدان ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش بىلەن ۋەتەننى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش بىلەن مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش بىلەن قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇش ئوتتۇرىسىدىكى ھايات- ماماتلىق كۈرەشتۇر. بۇ مەيدان كەسكىن كۈرەشتە، كىم بايرىقى روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىدىكەن، شۇ ئۆزىنىڭ ۋىجدانى ۋە مەسئۇلىيىتىگە يۈز كېلەلەيدۇ، كىم سۈكۈت قىلىپ، قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرىدىكەن، يامانغا يوشۇرۇنچە يانتاياق بولىدىكەن، شۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن بولىدۇ. بىز ھەر بىر ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پوزىتسىيەمىز قەتئىي، بايرىقىمىز روشەن، ھەرىكىتىمىز كەسكىن ھالدا «ئىككى يۈزلىمىچى»، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ھەيۋىسىنى ھەقىقىي يەرگە ئۇرۇشىمىز كېرەك.

  تاموژنا خىزمەتچىلىرى دۆلەت دەرۋازىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان قاراۋۇل بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قىلچە تەۋرەنمەستىن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى بىرىنچى مەسئۇلىيەت قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك. تاموژنا سىستېمىسىدىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن قەتئىي تۈردە بىر قولۇمدا مۇقىملىقنى قوغداشنى چىڭ تۇتۇپ، تاموژنىنىڭ فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك ھالقىسىنى چىڭ ئىگىلەپ، «ئىككىدە ھېچقانداق چاتاق چىقماسلىق»نى نىشان قىلىپ، بىخەتەرلىك، مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئامىللارنى دۆلەت دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇپ، چېگرادىن قانۇنسىز كىرىش، چىقىشقا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، «بىر ئادەمنىمۇ چېگرادىن قانۇنسىز كىرگۈزمەسلىك، بىر ئادەمنىمۇ چېگرادىن قانۇنسىز چىقارماسلىق»نى ئىشقا ئاشۇرىمەن؛ يەنە بىر قولۇمدا تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ شىنجاڭغا پايدىلىق، شىنجاڭغا نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن شىنجاڭنىڭ ۋە كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىمەن.

  بىز ئۇيغۇرلاردا «ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە» دەيدىغان ماقال- تەمسىل بار. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە گۈزەل، باي- باياشات شىنجاڭدا ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، بىرلىكتە «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى تۇرساقلا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملىيەلەيمىز، شىنجاڭنىڭ ئىناق تەرەققىي قىلىش كەلگۈسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر