شى جىنپىڭ ترامپ بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى   شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلانىيە ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشتى   شى جىنپىڭ بىلەن ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا Ⅱ ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو بىلەن ئىيوردانىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى   ئاپتونوم رايون 2017-يىللىق چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مەركەزلىك ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى   شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، تۇنجى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى   ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كونا رايونلارنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئارتۇقچىلىقىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەگە مەڭگۈ ئەگىشىپ ماڭىمىز

خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، ۋىلايەتلىك كېيىنكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇراخمان قۇربان

2017.06.23 11:48 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا خوتەننىڭ تەرەققىياتى كۈنسايىن يۈكسەلمەكتە، ناھىيە- شەھەرلەرنىڭ شەھەر رايونى كۆلىمى ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكىدىن 40 ھەسسىدىن 50 ھەسسىگىچە كېڭەيدى، ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش خەلققە بەخت ئاتا قىلدى، يوللار ھەر تەرەپكە تۇتىشىپ راۋانلاشتى ۋە قولايلاشتى، ئېگىز ئىمارەتلەر رەت- رەت سېلىندى؛ ئىلگىرى تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى ناھايىتى كەمچىل ئىدى، ھازىر كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك ئېسىل تاۋارلارنى، تۈرلۈك يېمەك- ئىچمەك ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ھەممىلا يەردىن تاپقىلى بولىدۇ؛ ئازادلىقتىن بۇرۇن تۈزۈكرەك مەكتەپ يوق بولغاچقا، ئەجدادلىرىمىز ئاساسەن ساۋاتسىز قالغانىدى، ھازىر پەرزەنتلىرىمىز 15 يىللىق ھەقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن بەھرىلىنەلەيدىغان بولدى، رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى، ھەر دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار خوتەنلىك ئوقۇغۇچىلارنى ھەر خىل كەسىپلەر بويىچە تەربىيەلەۋاتىدۇ؛ ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە خوتەندە تۈزۈكرەك دوختۇرخانا ۋە دوختۇر بولمىغاچقا، كىشىلەرنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى ۋە داۋالىنىشى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس ئىدى، ھازىر كېسەل كۆرىدىغان ۋە داۋالايدىغان تۆت دەرىجىلىك داۋالاش سىستېمىسى بار بولدى، ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتىن بەھرىلىنەلەيدۇ، داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلالايدۇ، شەھەر- يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئومۇميۈزلۈك قاپلىدى؛ ئىلگىرى يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش شارائىتى ناچار بولۇپ، ئېتىزلار ئېگىز- پەس، يوللار ئەگرى- توقاي، دەل- دەرەخلەر شالاڭ، ئۆيلەر كونا ھەم قاراڭغۇ ئىدى، ھازىر ئاھالىلەر نۇقتىسىغا، رەتلىك ئېتىزلارغا، تۈپتۈز ئاسفالت يوللارغا، تەكشى كەتكەن ئورمانلىققا، سىستېمىلاشقان تاش ئۆستەڭلەرگە ئۆزگەرتىلدى، بۇلاردىن باشقا، 36 سۇ ئامبىرى، مول ھوسۇلغا كاپالەتلىك قىلىدىغان 2000 دىن ئارتۇق ماشىنىلاشقان قۇدۇق بار بولدى، دېھقانلار يەر تېرىسا، دېھقانچىلىق ماشىنىسى سېتىۋالسا، چارۋا باقسا تولۇقلىما ئېلىشتەك نەچچە ئون تۈرلۈك خەلققە پايدا ۋە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بەھرىلىنەلەيدۇ... بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە مېھىر- شەپقىتىنىڭ نامايەندىسى.

  خوتەندىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيەنىڭ مېھىر- شەپقىتىدە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش مۇساپىسىگە داغدام قەدەم تاشلىدى، لېكىن، كىشىنى ئىنتايىن غەزەپلەندۈرىدىغان پاراكەندىچىلىكمۇ كۆرۈلمەكتە. زوراۋان- تېررورچىلار زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ جىسمانىي، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ئېغىر زىيان سالدى، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن ناھايىتى قايغۇردۇم؛ زوراۋان- تېررورچىلارنىڭ قەبىھ قىلمىشىدىن ئىنتايىن غەزەپلەندىم. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ بىگۇناھ ئاممىنىڭ قېنى بىلەن بويالغان قولى بىز ئۇيغۇرلارغا «قەبىھ، زوراۋان» بەلگىسىنى چاپلىدى. نۇرغۇن ئەمەلىيەت «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئۇيغۇرلار تېنىدىكى «زەھەرلىك ئۆسمە» ئىكەنلىكىنى، ئەڭ قەبىھ زوراۋانلارنى تەلتۆكۈس يوقاتمىغاندا ۋە ئۇلارنى يىلتىزىدىن قۇرۇتمىغاندا شىنجاڭنىڭ تىنچ بولمايدىغانلىقى، خەلقنىڭ بەختكە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى؛ بىز داۋاملىق سۈكۈتتە تۇرساق زوراۋان- تېررورچىلارغا يول قويغانلىقىمىز بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلىشىگە ۋە ئىسكەنجىگە ئېلىنىشىغا، خوتەننىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» يامرايدىغان زېمىنغا ئايلىنىپ قېلىشىغا قەتئىي يول قويماسلىقىمىز كېرەك. زوراۋان- تېررورچىلار ھەرقانداق مىللەت، ھەرقانداق دىنغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، جەمئىيەتنىڭ داشقاللىرى، ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان مۇناپىقلار. ئۇلارنىڭ بىز ئۇيغۇرلارنى دوزاخقا ئىتتىرىشىگە، ئاپەت گىردابىغا سۆرەپ كىرىشىگە قەتئىي يول قويمايمىز.

  سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك. بىز چوقۇم پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ۋە پېشقەدەم كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇپ، ئارتۇقچىلىقىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىز ۋە پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىشىمىز كېرەك. گەرچە مەن پېنسىيەگە چىققان بولساممۇ، ئىدىيە جەھەتتە ھەرگىز پېنسىيەگە چىقمىدىم. پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمنى ھەر ۋاقىت ئېسىمدە چىڭ تۇتۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئۈلگە بولۇپ، ئۆز مىللىتىم ئىچىدە ھېسسىيات جەھەتتە يېقىن، تىلىمىز بىر بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكىم ۋە پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم كادىرلىق رولىمنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇپ، ئۆسۈپ- يېتىلىش كەچۈرمىشىم، بىۋاسىتە تەسىراتىم ۋە كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىم ئارقىلىق ئۇيغۇر كادىرلار، ئاممىنى ئىدىيە ئىممۇنىتېت كۈچى ۋە ھەق- ناھەقنى ئايرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش جەھەتتە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل ئەپت- بەشىرىسى ۋە جىنايى ماھىيىتىنى تەلتۆكۈس ئېچىپ تاشلاپ، «پانتۈركىزم، پانئىسلامىزم» ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىنى تەلتۆكۈس تازىلاپ، مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە تەرەققىياتنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت دەۋر ئېقىمىغا يۈزلىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيەنىڭ مېنى تەربىيەلىگەن شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر