شى جىنپىڭ ترامپ بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى   شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلانىيە ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشتى   شى جىنپىڭ بىلەن ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا Ⅱ ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو بىلەن ئىيوردانىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى   ئاپتونوم رايون 2017-يىللىق چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مەركەزلىك ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى   شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، تۇنجى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى   ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كونا رايونلارنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

«شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدا زىيارەت»

تيەنجىن شەھىرى «كەسىپ بىلەن شەھەرنى بىرلەشتۈرۈش» ئەندىزىسى ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى ئىلگىرى سۈردى

مۇخبىرىمىز چېن چېن

2017.06.23 11:19 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان تيەنجىن شەھىرى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەرقىدىكى چىرا، كېرىيە، نىيە ناھىيەلىرىگە نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتىدۇ.

  تيەنجىن شەھىرى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئۈزلۈكسىز دەلىللەپ، دىققەتنى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تيەنجىننىڭ «كەسىپ بىلەن شەھەرنى بىرلەشتۈرۈش» تەجرىبىسىنى ئۆرنەك قىلىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كەسىپ بىلەن شەھەرنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈردى.

  تيەنجىن شەھىرىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار 2016- يىلى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، چارۋىچىلارنى ماكانلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى، لېكىن مۇكەممەل يىرىك پىلان بولماسلىق، ماكانلاشتۇرۇش نۇقتىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئىلمىي دەلىللەنمەسلىك قاتارلىق بەزى مەسىلىلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى بايقىدى.

  شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن قانداق پايدىلىنىش كېرەك؟ دىققەتنى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشكە قانداق مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك؟ «قان بېرىش» تىن «قان ئىشلەپچىقىرىش»قا ئۆزگىرىشنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؟ تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى بۇ مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، تيەنجىن شەھىرىنىڭ «كەسىپ بىلەن شەھەرنى بىرلەشتۈرۈش» تەجرىبىسىنى ئۆرنەك قىلىپ، چىرا ناھىيەسىنى «كەسىپ بىلەن شەھەرنى بىرلەشتۈرۈش»تىكى سىناق نۇقتا قىلىپ تاللىدى.

  «كەسىپ بىلەن شەھەرنى بىرلەشتۈرۈش» بۇ بىر چوڭ تېما بولۇپ، تيەنجىن تەجرىبىسى قانداق قىلىپ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، ھويلا- ئاران ئىگىلىكى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئەشيا ئوبوروتى، سىڭىشىش شەكلىدىكى تەرەققىيات، سانائەت رايونى، كىچىك بازار قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ ئارىسىدا كۆڭۈلدىكىدەك كېسىشىش نۇقتىسىنى تېپىپ چىقتى؟

  تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى چىرا ناھىيەسىدە دېھقانلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈش، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، سانائەت رايونى يۇغۇرۇلما تەرەققىيات تۈرىنى يولغا قويۇپ، ئۇلارنى ناھىيە بازىرىدىكى مۇكەممەل جامائەت مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلدى ھەم ئۇلارنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى سانائەت رايونىدا ۋە ناھىيەدە 2-، 3- كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى.

  تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى يىرىك پىلان لايىھەسىنى تيەنجىن شەھەرلىك پىلانلاش- لايىھەلەش يۇرتىنىڭ تۈزۈشىگە ھاۋالە قىلدى، تۈر پىلانىنى ئېچىشقا جەمئىي 6583 مو يەر، 140 مىليون يۈەن ئاجرىتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى 76 مىليون 930 مىڭ يۈەن بولدى. ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، يول تورى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، تۇرالغۇ، ھويلا- ئاران قۇرۇلۇشى ۋە ئىھاتە ئورمان بەلبېغى قۇرۇلۇشى ئاساس قىلىپ يولغا قويۇلدى. يېڭىدىن تۇتاشتۇرۇلىدىغان يول تورى ماكانلاشتۇرۇش نۇقتىسى، ناھىيە بازىرى ۋە سانائەت رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىنى تۇتاشتۇرۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن سانائەت رايونىنى سىرتقا كېڭەيتتى. ماكانلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى ئۆيلەر ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بويىچە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىشتەك تەرەققىيات ئەندىزىسى بويىچە پىلانلاندى، ھەر بىر ئائىلىگە پارنىك ياساپ بېرىلىپ، دېھقانلار ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزى قامدىسىمۇ ياكى باشلامچى كارخانىلار بىر تۇتاش ئىجارىگە ئېلىپ، دېھقانلارنى ياللاپ ئىشلەتسىمۇ بولىدىغان بولدى. مۇشۇ ئارقىلىق بىرىنچى كەسىپنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كىرىمنىڭ ئېشىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  ماكانلاشتۇرۇش نۇقتىسى تەجرىبە رايونىدا، تيەنجىن شەھىرىنىڭ ياردەم بېرىشى بىلەن 356 يۈرۈش ئەمىن ئۆي، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ۋە يۈرۈشلۈك جامائەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى چىڭ تۇتۇلۇپ ئىشلىنىۋاتىدۇ. ھازىر بۇ تەجرىبە رايونىدا 193 يۈرۈش ئەمىن ئۆي پۈتۈپ بولدى.

  كەسىپ بىلەن شەھەرنى بىرلەشتۈرۈش رايونىغا چاقا يېزىسىدىكى ئون كەنتتىن 193 دېھقان- چارۋىچى ئورۇنلاشتۇرۇلماقچى. بۇ دېھقان- چارۋىچىلار تاغدىن كۆچۈشتە ئىككىلىنىپ قالغاچقا، تيەنجىن شەھىرىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، كەسىپ بىلەن شەھەرنى بىرلەشتۈرۈش رايونىنىڭ پايدىسىنى تەشۋىق قىلدى، دېھقان- چارۋىچىلارغا ئەمەلىي مىساللارنى كۆرسىتىپ، ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ئىشەنچى ۋە ماسلىشىشىنى قولغا كەلتۈردى.

  تيەنجىن شەھىرى يەنە «كەسىپ بىلەن شەھەرنى بىرلەشتۈرۈش» بويىچە مەخسۇس سودىگەر چاقىرىش ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، شۇ جاينىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتى ۋە سودىگەر جەلپ قىلىش كەيپىياتىنى ياخشىلىدى. بۇلتۇر 22 تۈر ئىمزالىنىپ، ئومۇمىي سېلىنما 2 مىليارد 465 مىليون يۈەنگە، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 1 مىليارد 910 مىليون يۈەنگە يەتتى، 3640 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ھەل بولدى.

  چىرا ناھىيەسى «كەسىپ بىلەن شەھەرنى بىرلەشتۈرۈش»، سانائەت رايونىغا كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇشقا تايانغانلىقتىن، چىرا يېزىسىنىڭ ئۆزگىچە بازار ئورنى سانائەت رايونىنىڭ غەربىدىن تاللىنىپ، كەسىپ ئارقىلىق بازار قۇرۇش يادرو، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش تىرەك قىلىندى. ماكانلاشتۇرۇش نۇقتىسى سانائەت رايونى، ناھىيە بازىرى ئارىسىدا بىر- بىرىگە تايىنىش، بىر- بىرىنى تىرەك قىلىش ئارقىلىق خوتەنچە شەھەر- بازار قۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

  تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى يەنە چىرا ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى، ناھىيەلىك ياشانغانلار ساناتورىيەسى، ناھىيەلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ، ناھىيەلىك كەسپىي مەكتەپلەرنى سېلىپ بەردى. شەھەر قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ۋە كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، ناھىيە بازىرىنىڭ قىياپىتى يېڭىچە تۈسكە كىردى، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلدى.

  خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى جاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىنىڭ بىرىكمە كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشقا كۈچەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ پىشاڭلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا، پۇقرالارنىڭ ياشاش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بەردۇق. كېيىنكى قەدەمدە كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، سەھىيە ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ پۇختا ئىشلەيمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر