شى جىنپىڭ ترامپ بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى   شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلانىيە ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشتى   شى جىنپىڭ بىلەن ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا Ⅱ ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو بىلەن ئىيوردانىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى   ئاپتونوم رايون 2017-يىللىق چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مەركەزلىك ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى   شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، تۇنجى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى   ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كونا رايونلارنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ شىنجاڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى سانجىغا ماكانلاشتى

2017.06.23 11:13 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: سانجى ئوبلاستى، سانجى شەھىرى 6- ئاينىڭ 22- كۈنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى بىلەن «ئالاقە تورى+ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى» ۋە «جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشىنىڭ بىر بەلباغ، بىر يول (شىنجاڭ) سانلىق مەلۇمات مەركىزى» تۈرى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى، بۇ تۈر شىنجاڭ ئۇچۇر كەسىپلەر رايونىغا رەسمىي ماكانلاشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۈچ چوڭ تىجارەت شىركىتى سانلىق مەلۇمات مەركىزى تۈرى شىنجاڭ ئۇچۇر كەسىپلەر رايونىغا توپلاندى.

  بۇ تۈرگە سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ 800 مىليون يۈەن، كۆلىمى 150 مو بولۇپ، قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 83 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. بۇ تۈر «جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشىنىڭ بىر بەلباغ، بىر يول (شىنجاڭ) سانلىق مەلۇمات مەركىزى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ئامباردا ساقلىنىدىغان ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەش مەركىزى»نى ئاساسي نۇقتا قىلغان بولۇپ، شىنجاڭ ئۇچۇر كەسىپلەر رايونىغا شىنجاڭ سانلىق مەلۇمات سىغىمچانلىقى زاپىسى مەركىزى، شىنجاڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى جىددىي خەۋەرلىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش مەركىزى قۇرۇلدى. 1- قارارلىق قۇرۇلۇش 2017- يىلى 11- ئايدا باشلىنىپ، 2018- يىلى 12- ئايدا پۈتىدۇ.

  «بىر بەلباغ، بىر يول» (شىنجاڭ) سانلىق مەلۇمات مەركىزى قۇرۇلغاندىن كېيىن، باش ئاپپارات ئومۇمىي جازىسىنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئاشۇرۇلۇپ، 100 مىڭ مۇلازىمېتىرنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ھازىرلايدىكەن، مۆلچەردىكى يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 500 مىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن. بۇ مەركەز پەرقلىق ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، شىنجاڭغا خىزمەت قىلىدىكەن ھەم جۇڭگونىڭ غەربىي قىسىم رايونلىرىغا يۈزلىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

  جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى شىنجاڭ شۆبىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش دىرېكتور چېن جىچيۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شۆبە شىركىتى سانجى ئوبلاستىنى ئاۋۋال قوللايدىغان رايون قىلىپ، ئەۋزەل بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق سانجىدىكى «ئالاقە تورى+» كەسپىنىڭ سېلىنما سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى، ھازىر 54 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، سانجى ئوبلاستىنىڭ ئالاقە تورى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە، ئالاقە تورى بىلەن سانجى ئوبلاستىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي جەھەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىدا ناھايىتى ياخشى رول ئوينىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر