شى جىنپىڭ ترامپ بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى   شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلانىيە ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشتى   شى جىنپىڭ بىلەن ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا Ⅱ ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو بىلەن ئىيوردانىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى   ئاپتونوم رايون 2017-يىللىق چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مەركەزلىك ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى   شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، تۇنجى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى   ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كونا رايونلارنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن

«يېڭى دەۋردىكى سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىسلاھات لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى

2017.06.20 15:11 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 19-ئىيۇن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا «يېڭى دەۋردىكى سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىسلاھات لايىھەسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئىسلاھات لايىھەسى» دەپ ئېلىندى)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. «ئىسلاھات لايىھەسى»دە مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى دۆلەتنى پەن- تېخنىكا، مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم تىرىكى ۋە ئاساسىي كاپالىتى قىلىپ، دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، غايىلىك، لەۋزىدە تۇرىدىغان، تېخنىكا بىلىدىغان، يېڭىلىق يارىتالايدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان، ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئىگە زور سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەزەلدىن سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇشى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىسلاھاتى توغرىسىدا ئومۇمىي تەپەككۇر ۋە سىستېمىلىق لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي پىرىنسىپ ۋە ھەرىكەت قىبلىنەماسى بىلەن تەمىنلەشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 2017- يىل 2- ئاينىڭ 6- كۈنى مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 23- قېتىملىق يىغىنى ئېچىلىپ، «ئىسلاھات لايىھەسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. «ئىسلاھات لايىھەسى»دە، يېڭى دەۋردىكى سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئاساسىي پىرىنسىپى، نىشان- ۋەزىپىلىرى ھەم ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، «نېمە ئۈچۈن ئىسلاھ قىلىمىز، قانداق ئىسلاھ قىلىمىز، قانداق يول ئارقىلىق قايسى نىشانغا يېتىمىز» دېگەندەك بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەر ئېنىق بولدى.

  «ئىسلاھات لايىھەسى»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: سانائەت ئىشچىلىرى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى ئاساسىي كۈچ، ئىجتىمائىي بايلىق يارىتىشتىكى مۇھىم كۈچ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى تايانچ كۈچ، ياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى جانلىق كۈچ. سىياسىي جەھەتتە كاپالەتلەندۈرۈش، تۈزۈمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ساپانى ئۆستۈرۈش، ھوقۇق- مەنپەئەتنى قوغداشتىكى ئومۇمىي تەسەۋۋۇرغا ئاساسەن، سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپىگە ماس كەلمەيدىغان تۈزۈلمە، مېخانىزمنى ئىسلاھ قىلىپ، سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  «ئىسلاھات لايىھەسى»دە سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنىنىڭ ئىدىيەۋى، سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ ماھارىتىنى شەكىللەندۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ تەرەققىيات تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىش، سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ تىرەك كاپالىتىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بەش تەرەپنى چۆرىدەپ، 25 ماددىلىق ئىسلاھات تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، سانائەت ئىشچىلىرىنى ئىدىيە ئارقىلىق يېتەكلەش، ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش، رولىنى جارى قىلدۇرۇش، تىرەك كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۈزۈلمە، مېخانىزملارغا چېتىلىدىغان بولۇپ، سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

  سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «ئىسلاھات لايىھەسى»دە پارتكومنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىسلاھاتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرىدىغان خىزمەت ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، ئىسلاھاتنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلاھات، تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ۋە ئىسلاھاتنى يولغا قويۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  «ئىسلاھات لايىھەسى»نى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىسلاھاتىنى مەخسۇس پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىز تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سانائەت ئىشچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىشچىلار سىنىپىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇق قىلغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە جان- دىل بىلەن ئىشچىلار سىنىپىغا تايىنىش فاڭجېنىدا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇشتىكى كۈچلۈك سىگنالنى ياڭراتتى، بۇ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر