شى جىنپىڭ فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى نىنىستو بىلەن سۆھبەتلەشتى   شىنجاڭ 1-پەسىلدە تۆمۈريول يۈك توشۇش مىقدارى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى   ئاپتونوم رايونىمىزدا شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى رەسمىي يولغا قويۇلدى   ئالدىنقى ئىككى ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا قىممىتى %70 ئاشتى  

شى جىنپىڭ ترامپ بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى

2017.04.08 16:40 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا مار ئالاگو قورۇقى، 6-ئاپرېل تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى ئامېرىكىنىڭ فلورىدا ئىشتاتىدىكى مار ئالاگو قورۇقىدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، دوستانە، ئۇزاق داۋاملاشقان ئۇچرىشىش بولدى، ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي ئىلگىرىلەشلەرگە يۈكسەك باھا بەردى، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيادىكى باشقا دۆلەت خەلقلىرىگە نەپ يەتكۈزۈشكە قوشۇلدى.
  چۈشتىن كېيىن سائەت 5تە، شى جىنپىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بىلەن مار ئالاگو قورۇقىغا كەلدى، ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلانىيە ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدا ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، سەمىمىي پاراڭلاشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى ترامپنىڭ ئوغۇل ۋە قىز نەۋرىسى خەنزۇچە ئېيتقان «يەسىمەنگۈل» دېگەن ناخشىدىن ھەم ئۇلار يادلاپ بەرگەن «ئۈچ سۆزلۈكلەر دەستۇرى» ۋە تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن ھۇزۇرلاندى.
  شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىندىن بۇيان، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ كەلدىم، كۆپ قېتىم تېلېفوندا كۆرۈشتۇق ۋە خەت ئالاقىسى قىلدۇق. زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ ئامېرىكىدا ئۇچرىشىشقا تەكلىپ قىلغانلىقىدىن خۇشال بولدۇم. زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، يېڭى مەزگىلدىكى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىشنى خالايمەن.
  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى بولۇشى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، دۇنياغىمۇ پايدىلىق. بىزنىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئاساسىمىز كۆپ، بىراق جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى يىرىكلەشتۈرۈشكە ھېچقانداق ئاساسىمىز يوق. جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى نورماللاشقان 45 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، بىراق تارىخىي خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە زور ئەمەلىي مەنپەئەت ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بۇنىڭدىن كېيىنكى 45 يىلدا قانداق راۋاجلىنىدۇ؟ بۇ ھەقتە چوڭقۇر ئويلىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سىياسىي ھۆكۈم چىقىرىپ، تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشىغا توغرا كېلىدۇ. مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىللە يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.
  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەمكارلىشىش جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىردىنبىر توغرا تاللىشى، ئىككى دۆلەت تامامەن ياخشى ھەمكارلىق ھەمراھلىرىدىن بولالايدۇ. كېيىنكى باسقۇچتا ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى ياخشى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ بۇ يىل جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشىنى قارشى ئالىمەن.
  ئىككى تەرەپ داۋاملىق تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق قويۇق ئالاقىنى ساقلىيالايدۇ. يېڭىدىن ئورنىتىلغان دىپلوماتىيە خەۋپسىزلىكى، ئومۇمىي ئىقتىساد، قانۇن ئىجراسى ۋە تور بىخەتەرلىكى، ئىجتىمائىي ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسى توغرىسىدا سۆزلىشىشتىن ئىبارەت تۆت يۇقىرى دەرىجىلىك سۆزلىشىش ھەمكارلىق مېخانىزمىدىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق «تورت»ىنى ئوبدان ياساپ، نۇقتىلىق ھەمكارلىق تىزىملىكى تۈزۈپ، دەسلەپكى باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى كۆپرەك قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئىككى تەرەپ مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قوش يۆنىلىشلىك سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىشى كېرەك. نازۇك مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئىختىلاپلارنى ئىجابىي باشقۇرۇشى، تىزگىنلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش ۋە ھەل قىلىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دۆلەت ھالقىغان جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش قاتارلىق دۇنياۋى خاراكتېرلىك خىرىسلاردا ھەمكارلىق يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ب د ت، 20 دۆلەت گۇرۇھى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ئىچىدە ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك.
  ترامپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مار ئالاگو قورۇقىغا قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم قارشى ئالدى. ترامپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا-جۇڭگو دۇنيادىكى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن زىممىسىدىكى مەسئۇلىيىتى زور. ئىككى تەرەپ مۇھىم مەسىلىلەردە ئالاقىلىشىپ ۋە ماسلىشىپ، بەزى چوڭ ئىشلارنى ئورتاق ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ. بۇ قېتىملىق ئامېرىكا-جۇڭگو باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىدىن زور ئۈمىد كۈتىمەن، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ياخشى خىزمەت مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
  ترامپ رەئىس شى جىنپىڭ بەرگەن جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش توغرىسىدىكى تەكلىپنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى ھەم جۇڭگودا بالدۇرراق زىيارەتتە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
  جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى يەنە ئۆزلىرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئالدىن ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان كۈنتەرتىپلىرىنى تونۇشتۇردى ھەم ئالاقىدار رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز