شى جىنپىڭ فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى نىنىستو بىلەن سۆھبەتلەشتى   شىنجاڭ 1-پەسىلدە تۆمۈريول يۈك توشۇش مىقدارى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى   ئاپتونوم رايونىمىزدا شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى رەسمىي يولغا قويۇلدى   ئالدىنقى ئىككى ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا قىممىتى %70 ئاشتى  

شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلانىيە ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشتى

2017.04.08 16:38 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا مار ئالاگو قورۇقى، 6-ئاپرېل تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچتە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلانىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ فلورىدا ئىشتاتىدىكى مار ئالاگو قورۇقىدا ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى.
  مار ئالاگو قورۇقىنىڭ زىياپەت زالىدا چىراغلار چاقنايتتى، پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەر كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى. كەچ سائەت 7دىن ئاشقاندا، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن زىياپەت زالىغا كېلىپ، ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلانىيە بىلەن سەمىمىي سالاملاشتى. ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلانىيە شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەننىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈردى، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ترامپ بىلەن ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلانىيەنىڭ ۋە ئامېرىكا تەرەپنىڭ قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقى ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.
  كەچلىك زىياپەتتە، شى جىنپىڭ بىلەن ترامپ قىزغىن سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ ترامپ بىلەن ناھايىتى ياخشى پاراڭلىشىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. بىز ئىختىلاپ ۋە نازۇك مەسىلىلەرنى ئىجابىي ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا، سودىغا مەبلەغ سېلىش، دىپلوماتىيە بىخەتەرلىكى، قانۇن ئىجرا قىلىش تورى، ئادىمىيەت ئالاقىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى خالايمىز. جۇڭگودا «ھەر قانچە ئېگىز بىنامۇ يەردىن قوپۇرۇلىدۇ» دەيدىغان گەپ بار. مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتتىكى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىن ئۈمىد كۈتىدىغان ۋە قىزغىنلىقى بار قۇرغۇچىلارنى يېتەكلەپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى «سارىيى»نى بىر قەۋەت بىر قەۋەتتىن قوپۇرۇپ، ئۇنى تېخىمۇ مۇستەھكەم، تېخىمۇ ئېگىز، تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى خالايمەن.
  ترامپ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگوغا رەھبەرلىك قىلىپ، قالتىس تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيادا زور ھۆرمەتكە ئېرىشتى. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈپلا ناھايىتى ياخشى پاراڭلاشتىم، شۇنداقلا كۆپ تېمىلاردا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ياخشى دوستلۇق ئورناتتۇق. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا ئەتە داۋاملىق چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈتىمەن.
  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. كەچلىك زىياپەت باشتىن-ئاخىر دوستانە كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلدى.
  كەچلىك زىياپەتكە ۋاڭ خۇنىڭ، ۋاڭ ياڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جيېچى، فاڭ فېڭخۇي، ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى تىللېرسون ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى، بىر نەچچە كابېنت ئەزاسى ۋە ئاق ساراينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز