شى جىنپىڭ فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى نىنىستو بىلەن سۆھبەتلەشتى   شىنجاڭ 1-پەسىلدە تۆمۈريول يۈك توشۇش مىقدارى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى   ئاپتونوم رايونىمىزدا شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى رەسمىي يولغا قويۇلدى   ئالدىنقى ئىككى ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا قىممىتى %70 ئاشتى  

شى جىنپىڭ بىلەن ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا Ⅱ ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو بىلەن ئىيوردانىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

2017.04.08 16:36 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا پالم ساھىلى بازىرى، 7-ئاپرېل تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا Ⅱ يېقىندا ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 40 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى سىجىل تەرەققىي قىلدى، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشەنچ ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى قويۇقلاشتى. ئىككى تەرەپ رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردا ياخشى ئالاقىنى ساقلىدى، ئىقتىساد-سودا، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. بىز 2015-يىلى جۇڭگو ۋە ئىيوردانىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى ئورتاق جاكارلىدۇق. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو-ئىيوردانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل ئىستىقبالىغا ئىشەنچىم كامىل. مەن جۇڭگو-ئىيوردانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
  ئابدۇللا Ⅱ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىيوردانىيە-جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، مەن ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقى ئارىسىدىكى چوڭقۇر دوستلۇقتىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن. بىز 2015-يىلى ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى ئىمزالىدۇق. ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ئىيوردانىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئالدىنقى يۆنىلىش. ئىيوردانىيە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە جۇڭگو بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز