شى جىنپىڭ فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى نىنىستو بىلەن سۆھبەتلەشتى   شىنجاڭ 1-پەسىلدە تۆمۈريول يۈك توشۇش مىقدارى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى   ئاپتونوم رايونىمىزدا شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى رەسمىي يولغا قويۇلدى   ئالدىنقى ئىككى ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا قىممىتى %70 ئاشتى  

2016 − 2017-يىللىق جۇڭگو ئەرلەر كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە

شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، تۇنجى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى

2017.04.08 16:25 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا غەلىبىسىگە تەنتەنە قىلماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)
  مۇخبىرىمىز دۇڭ لياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن 2016 − 2017-يىللىق جۇڭگو ئەرلەر كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى(CBA) نىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ 4-مەيدان مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا 109 غا قارشى 117 نومۇر بىلەن گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، تۇنجى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.
  شىنجاڭ گۇاڭخۇي «ئۇچار يولۋاس» كۇلۇبى 1999-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ كوماندىسى CBAدا تۆت قېتىم ئىككىنچى بولغانىدى. ئۇلار بۇ قېتىم سەككىز قېتىم چېمپىيون بولغان گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى ئۇدا تۆت مەيدان يېڭىپ، 1-ئاۋغۇست كوماندىسى، شاڭخەي كوماندىسى، گۇاڭدۇڭ كوماندىسى، بېيجىڭ كوماندىسى ۋە سىچۈەن كوماندىسىدىن كېيىن ئالتىنچى بولۇپ نامىنى CBA چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئويدۇرغان كوماندىغا ئايلاندى.
  بۇ مۇسابىقە پەسلىدە، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى بارلىق ئەزىمەتلەر يۈكسەك ئارزۇ-ئۈمىدلەرنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، شىنجاڭدىكى 23 مىليون ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ئېلىپ، جاپالىق مۇسابىقىگە ئاتلاندى. ئۇلار ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىنى تەمكىن ھەم سالماقلىق بىلەن ئويناپ، قەدەممۇ قەدەم ياخشى نەتىجە يارىتىپ، ئايلانما مۇسابىقىدە چېمپىيون بولدى.
  مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا، ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن رەئىسى ياۋ مىڭ CBAنىڭ چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى ئۇستازى، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى لى چيۇپىڭغا تۇتقۇزدى. شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ كاپىتانى قىرانبېك ماقان ۋە سەپداشلىرى بىرلىكتە لوڭقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تەستە قولغا كەلگەن بۇ چېمپىيونلۇق شەرىپىنى تەنتەنە قىلدى. قىرانبەك ماقان ھاياجانلانغان ھالدا بارلىق سەپداشلىرىنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئىزھار قىلىپ مۇنداق دېدى: كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئارزۇيىمىز رېئاللىققا ئايلاندى، بۇ يالغۇز بىزنىڭلا تىرىشچانلىقىمىزنىڭ نەتىجىسى ئەمەس، كۇلۇبىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى بارلىق پېشقەدەم ماھىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.
  لى چيۇپىڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا چېمپىيونلۇقنى نىشانلاپ كەلگەن، شىنجاڭنىڭ مۇشۇنداق ئەمەلىي كۈچى بار، كوماندا ئەزالىرى تالانتلىق، مەن شىنجاڭ كوماندىسىغا كەلگەندە ئىككى يىلغىچە چېمپىيونلۇقنى ئالىمەن، دەپ ۋەدە قىلغان، بۇ كوماندىنى ياخشى يېتەكلەپ كېتەلەيدىغانلىقىمغا ئىشەنچىم بار.
  ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى نيې چۈن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ كوماندىسى كۆپ مىللەت ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلانغان كوللېكتىپ، كۆپچىلىك «ۋاز كەچمەسلىك، بەل قويۇۋەتمەسلىك» روھى بىلەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قەيسىرانە ئېلىشىپ، ئاخىر چېمپىيون بولۇش ئارزۇسىغا يەتتى. بۇ قېتىمقى چېمپىيونلۇق شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەجرىبە توپلىغانلىقى ۋە تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ گۈزەل ماكان قۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىپ كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىسى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز