شى جىنپىڭ فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى نىنىستو بىلەن سۆھبەتلەشتى   شىنجاڭ 1-پەسىلدە تۆمۈريول يۈك توشۇش مىقدارى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى   ئاپتونوم رايونىمىزدا شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى رەسمىي يولغا قويۇلدى   ئالدىنقى ئىككى ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا قىممىتى %70 ئاشتى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كونا رايونلارنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى

شۆھرەت زاكىر ئاساسىي قۇرۇلۇش مەيدانىدا ئىش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم قۇرۇلۇشنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى

مۇخبىرىمىز خالىدە ئوبۇل

2017.04.07 12:25 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

     ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كونا رايونلارنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدا 4 - ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى. سۈرەتتە: مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن ئاساسىي قۇرۇلۇش مەيدانى.(شىنخۇا ئاگېنتلىقى)
   ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كونا رايونلارنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدا 4 - ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى. بۇ قۇرۇلۇش تەڭرىتاغ رايونى، سايباغ رايونى قاتارلىق ئالتە رايوندا ئېلىپ بېرىلىدۇ، كۆلىمى 173 كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىپ، 1 مىليون 600 مىڭ ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاساسىي قۇرۇلۇش مەيدانىدا ئىش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم قۇرۇلۇشنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى-سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ قۇرۇلۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە تەبرىك سۆزى قىلدى.
  ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كونا رايونلارنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەۋقەنى مەركىزىي شەھەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قويۇپ چىقارغان زور تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى كۆپ قېتىم نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئۆزلىرى مۇزاكىرە قىلدى. بۇ قۇرۇلۇش ھەم ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاشتىكى زور تەدبىر، ھەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ رېئال ئېھتىياجى، شۇنداقلا شەھەر تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، شەھەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، غەربىي شىمال رايونىدىكى ئۆزگىچىلىكى روشەن، يېشىل-ساغلام، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان ئىناق زامانىۋى خەلقئارا شەھەر قۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى.
  ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كونا رايونلارنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 19 تەۋەلىك رايونىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، قۇرۇلۇش ئاساسلىقى جامائەت مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاش، غوجىلىق باشقۇرۇشى يوق كونا مەھەللىلەرنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، يۈرۈشلەشكەن شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە خاسلىققا ئىگە كوچا بەرپا قىلىش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان مۇھىت مەنزىرىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسى بەش يىلدىن بۇيانقى كونا رايونلارنى ئۆزگەرتىش ئومۇمىي ۋەزىپىسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.
  شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يەتتە تەۋەلىك رايونىدا بىرلا ۋاقىتتا ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇنىڭدىن باشقا تاشبۇلاق 12-نومۇرلۇق كونا رايون (كەپە ئۆي رايونى)نى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كۆرگەزمىخانىسى قۇرۇلۇشى، «يۆجىنگەي» كوچىسى (كۆۋرۈكنىڭ غەربى) تەۋەلىك رايونى 10-بىنا قۇرۇلۇشى، شەھەر مەمۇرىيىتى يول قۇرۇلۇشى ۋە «1-ئىيۇل» توقۇمىچىلىق فابرىكىسى 3-زاۋۇتى كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلاردىمۇ ئىش باشلاندى.
  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن مۇتەللىپ قاسىم، ۋەن خەيچۈەن ئاساسىي قۇرۇلۇش مەيدانىدا ئىش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
   ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كونا رايونلارنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدا 4 - ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى. بۇ قۇرۇلۇش تەڭرىتاغ رايونى، سايباغ رايونى قاتارلىق ئالتە رايوندا ئېلىپ بېرىلىدۇ، كۆلىمى 173 كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىپ، 1 مىليون 600 مىڭ ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاساسىي قۇرۇلۇش مەيدانىدا ئىش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم قۇرۇلۇشنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.(مۇخبىرىمىز زۇ يى فوتوسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز