خەنزۇچەقازاقچە موڭغۇلچە
ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى   خەلقنىڭ باش شۇجىسى خەلق بىلەن قەلبداش   «ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشىمىز»    ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن باش شۇجىنى خاتىرجەم قىلىمىز   سەمىمىي غەمخورلۇق ۋە زور مەدەت  

چېن چۈەنگو سەھىپىسى

>>>
چېن چۈەنگو، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسىچېن چۈەنگو، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى

شۆھرەت زاكىر سەھىپىسى

>>>
شۆھرەت زاكىر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسىشۆھرەت زاكىر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى

باش شۇجىنىڭ سالىمى جۈمە تاھىر داموللا ئائىلىسىدىكىلەرگە يەتكۈزۈلدى

«بىز باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە سەمىمىي ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويمايمىز»

مۇخبىرلىرىمىز لى ياڭ، جۇ مىڭجۈن

2017.03.29 14:34     مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ھاۋالىسى بويىچە، قەشقەرگە بېرىپ، مەرھۇم ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات، قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىر داموللىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۇلارغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى.
  باش شۇجى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىيازنىڭ جۈمە تاھىر داموللا توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ جۈمە تاھىر داموللىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلغانىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە سەمىمىي ئۈمىدى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.
  ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ھاۋالىسى بويىچە، 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى سەھەردە نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ قەشقەرگە بېرىپ، كۈچلۈك ھاياجان ئىلكىدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ غەمخورلۇقى ۋە چوڭقۇر مۇھەببىتىنى جۈمە تاھىر داموللىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە يەتكۈزۈپ، ئۇلار بىلەن بىللە بۇ شەرەپتىن تەڭ بەھرىمەن بولدى.
  جۈمە تاھىر داموللىنىڭ 2 - ئوغلى، ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى مەمەت جۈمە بۇ ئالاھىدە مېھماننى يىراقتىن كۆرۈپلا، ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى. جۈمە تاھىرنىڭ كەنجى ئوغلى، ئون ياشلىق نۇرمەمەت جۈمە خۇشال بولغان ھالدا ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىيازنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كەلدى. ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز مۇنداق دېدى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بۈگۈن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىلەرگە يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزگىلى ئالايىتەن كەلدىم!
  جۈمە تاھىر داموللىنىڭ يەسىرەسى تۇنىساگۈل ئابدۇرېھىم قاتارلىق ئون نەچچە ئۇرۇق - تۇغقان ئۆيدە بالدۇرلا ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىيازنى ساقلاپ تۇرغان بولۇپ، كۆپچىلىك بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك شىرەنى چۆرىدەپ ئولتۇردى.
  ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ شۇنچە ئالدىراش بولسىمۇ، سىلەرنى ئەستىن چىقارماي، ماڭا سىلەرگە يوللىغان سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشۇمنى ھاۋالە قىلدى. بۇ سىلەرنىڭ ئائىلەڭلەرگە قىلىنغان سەمىمىي غەمخورلۇق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى شىنجاڭدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە قىلىنغان غەمخورلۇق. بىز جۈمە تاھىر داموللىنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى، دىننى، سوتسىيالىزمنى قىزغىن سۆيىدىغان قىممەتلىك روھىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بۇ روھقا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك!
  تۇنىساگۈل ئابدۇرېھىم بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ شۇنچە ئالدىراش بولسىمۇ، بىزنى ياد ئېتىپ، غېمىمىزنى يەپتۇ. مەن بۇنىڭدىن بەك تەسىرلەندىم! يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئائىلىمىزگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. بىز بۇنداق مېھىر - شەپقەتنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلايمىز، مەڭگۈ ئۇنتۇمايمىز!
  جۈمە تاھىر داموللا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى نەتىجىسىدە، ئاپتونوم رايون ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئوقۇش ۋە تۇرالغۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەردى، يەنە بىر قىسىم ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى رەسمىيىتى قاتارلىقلارنى بېجىرىپ بەردى.
  تۇنىساگۈل ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى: ئائىلىمىزدىكىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقى ۋە سەمىمىي ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويماي، مۇقىملىقنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇپ، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، باش شۇجىنى خاتىرجەم قىلىمىز.
  مەمەت جۈمەمۇ شۇ چاغدا ئوخشاشلا ھاياجانلانغانىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا تۇرمۇشىمىزدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى، پۇقرالار تېخىمۇ راھەت تۇرمۇش كەچۈرىدىغان، كۆپچىلىك كېسەل داۋالىتىشتىن غەم قىلمايدىغان بولدى، ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتىن بەھرىمەن بولدۇق، بالىلىرىمىز «قوش تىل» يەسلىسىگە كىرىپ، ھەقسىز «قوش تىل» ئۆگىنەلەيدىغان بولدى، مەسچىتلەرنىڭ شارائىتى ۋە ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ تەمىناتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى ۋە ئۆستى، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، بىز پارتىيەگە چىن كۆڭلىمىزدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، پارتىيەگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاكتىپ رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇلاردا دۇرۇس ئېتىقاد تۇرغۇزۇپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق قوغدايمەن.
  ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى بولمىغان بولسا، بىزنىڭ ياخشى كۈنلىرىمىز بولمىغان بولاتتى. بىز كۆپچىلىك مەڭگۈ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە رەھمەت ئېيتىپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئورتاق تىرىشىپ، گۈزەل يۇرت - ماكانىمىزنى ئورتاق گۈللەندۈرۈپ، باش شۇجىنى خاتىرجەم قىلىشىمىز كېرەك!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز