ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «26- ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىدىكى بەش ئاچقۇچلۇق سۆزنى توغرا ئىگىلەش كېرەك(5)

2017.10.10 17:36 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ⑤ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت «ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى»نىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرەيلى

  بىرىنچى 2020- يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش − پارتىيەمىزنىڭ خەلق ۋە تارىخقا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى. بىز پارتىيە 16- ، 17- ، 18- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى تۈرلۈك تەلەپلەر بويىچە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلەندۈرۈشىمىز، بولۇپمۇ زور خەۋپ- خەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەشتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىشىمىز، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى قەتئىي ئېغىشماي چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى خەلق ئېتىراپ قىلىدىغان، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلىشىمىز كېرەك. 2020- يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، بىز پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنى تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن دۇنيادىكى مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرۇشىمىز كېرەك. يولداش شى جىنپىڭنىڭ بۇ مۇھىم بايانلىرى بىزگە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئالدىنقىلارغا كېيىنكىلەر ۋارىسلىق قىلىدىغان كۈرەش مۇساپىسى بولۇپ، ئالدىنقىلارنىڭ كېيىنكىلەر ئۈچۈن زۆرۈر ئالدىنقى شەرت ئىكەنلىكى، كېيىنكىلەرنىڭ ئالدىنقىلار ئۈچۈن مۇقەررەر يۈزلىنىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىشتا، ئالدى بىلەن 2020- يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى ئۆز قەرەلىدە قۇرۇپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، زور خەۋپ- خەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەشتىن ئىبارەت بۇ «ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئۈچ چوڭ جەڭ»نى ياخشى قىلىش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. يولداش شى جىنپىڭ: بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىل دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدا دۇچ كېلىدىغان ھەر خىل خەۋپ- خەتەر ئۈزلۈكسىز توپلىنىدىغان، ھەتتا مەركەزلىك ئاشكارىلىنىدىغان مەزگىل بولۇشى مۇمكىن. مۇبادا يۈز بەرگەن زور خەۋپ- خەتەرگە بەرداشلىق بېرەلمىسەك، دۆلەت خەۋپسىزلىكى زور تەھدىتكە دۇچ كېلىشى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسى ئۈزۈلۈپ قېلىشى مۇمكىن، دەپ تەكىتلىدى. ئۇ: نامراتلىقنى تۈگىتىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئورتاق بېيىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش − سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، پارتىيەمىزنىڭ مۇھىم بۇرچى شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى تۆۋەن چەك ۋەزىپىسى ۋە بەلگە خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچى، دەپ كۆرسەتتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دەل مۇشۇلارنى نەزەردە تۇتقان ئاساستا، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى، يېزىلاردىكى كۆك نامرات ئاھالە يىلدىن- يىلغا ئازايدى، نامرات رايونلارنىڭ قىياپىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. ئۇ يەنە مۇنداق تەكىتلىدى: بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشىنى تۈزەش، يېشىل تەرەققىيات شەكلى ۋە تۇرمۇش شەكلىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەرەققىيات قارىشىدىكى بىر مەيدان چوڭقۇر ئىنقىلاب. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزىدىغان، ھەتتا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان تەرەققىيات ئەندىزىلىرىنى قەتئىي چۆرۈپ تاشلاپ، جۇڭخۇا زېمىنىنىڭ ئاسمىنىنىڭ تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنىڭ تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنىڭ تېخىمۇ سۈزۈك، مۇھىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى دەۋرىگە تىرىشىپ ئاتلىنىش كېرەك. شۈبھىسىزكى، بۇ «ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئۈچ چوڭ جەڭ»نى قەتئىي ياخشى قىلىش ۋە ئۇنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جەزمەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسىنى يەنىمۇ زور دەرىجىدە كۈچەيتىدۇ. بەش يىلدىن بۇيان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئارقىلىق، خەلق ئاممىسى «ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئۈچ چوڭ جەڭ»نىڭ غەلىبىسىنى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش، شۇنداقلا مۇشۇ ئاساستا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىشكە تولۇق ئىنتىزار بولماقتا ۋە ئىشەنچ باغلىماقتا.

  («خەلق گېزىتى»دىن ئېلىندى، ئاپتور: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش جەمئىيەت ۋە قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى شى جىخۇڭ )
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر