ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «26- ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىدىكى بەش ئاچقۇچلۇق سۆزنى توغرا ئىگىلەش كېرەك(4)

2017.10.10 17:36 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ④ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى «تۆت ئۇلۇغ»نى ئىلگىرى سۈرەيلى

  «يېڭى دەۋردە، ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك». يولداش شى جىنپىڭ سۆزىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىشلاردىن ئىبارەت «ئۈچ ئۇلۇغ»نى ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، يېڭى نەزەرىيەۋى ئۇقۇمنى شەكىللەندۈردى. «ئۈچ ئۇلۇغ»دىن «تۆت ئۇلۇغ»قىچە پارتىيەمىز قىلىۋاتقان ئىشلارنى تېخىمۇ مۇكەممەل گەۋدىلەندۈرۈپلا قالماستىن، يەنە ۋاسىتە، يول ۋە نىشان يۈكسەك بىرلىككە كەلگەن ئىچكى لوگىكىنى نامايان قىلدى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭنىڭ «26- ئىيۇل»دىكى مۇھىم سۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مۇھىم سۆزىدە «تۆت ئۇلۇغ» تۇتقا قىلىندى. ئۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر شەرھلەش، كەلگۈسى بىر مەزگىلدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى زور سىياسەت، فاڭجېن، ھەرىكەت پىروگراممىسىنى چوڭقۇر شەرھلەشتە چىڭ تۇردى ۋە راۋاجلاندۇردى، شۇنداقلا بۇ چوڭقۇر شەرھلەشنى «تۆت ئۇلۇغ»نى زىچ چۆرىدەپ قانات يايدۇردى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، «تۆت ئۇلۇغ» بىر- بىرىگە باغلاپ چۈشىنىدىغان، بىرلەشتۈرۈپ ئىگىلەيدىغان، ماسلاشتۇرۇپ ئىزچىللاشتۇرىدىغان بىر پۈتۈن گەۋدە. يولداش شى جىنپىڭ «تۆت ئۇلۇغ»نى شەرھلىگەندە، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى بەكرەك تەكىتلىدى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قىلچە ئېغىشماي ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىغا تەھدىت بولۇۋاتقان ئەڭ زور گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى. پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش ۋە كەيپىيات تېخىمۇ يېڭىلاندى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ غايە- ئېتىقادى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، پارتىيەۋىلىك تېخىمۇ كۈچەيدى، پارتىيەنىڭ ئۆز- ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇشى، ئۆز- ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئۆز- ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشى، ئۆز ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلاندى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە بولدى.

  يېڭى دەۋر شارائىتىدا پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، چوقۇم پارتىيە رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشنى قىلچە تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەمىزنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. پارتىيەمىزنى يەنىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىققاندىلا، پارتىيەمىزنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ۋە كۈچلۈك جەڭگىۋارلىقىنى مەڭگۈ ساقلاپ قالالايمىز، پارتىيەمىزمۇ خەلقنى يېتەكلەپ زور خىرىسلارغا ئوڭۇشلۇق تاقابىل تۇرۇپ، زور خەتەرلەرگە قارشى تۇرۇپ، زور توسالغۇلارنى يېڭىپ، زور زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ، غەلىبەسېرى ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ. دەل شۇنداق بولغاچقا، يولداش شى جىنپىڭ: ئەمەلىيەت جەريانىدا شۇنى بارغانسېرى چوڭقۇر تونۇدۇقكى، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش پارتىيەنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا ئۇنى جەزمەن تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ زور جاسارەت، تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن چىڭ ھەم ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش پىكىر يولى، تەدبىرىنى تېخىمۇ ئىلمىيلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ چىڭىتىپ، تېخىمۇ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ باشتىن- ئاخىر خەلق بىلەن بىللە تۇرۇش، بىللە ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى مۇجەسسەملەنگەن پاراخوت بىلەن دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، پارلاق قىرغاققا غەلىبە بىلەن يېتىپ بېرىش كېرەك. بۇ پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنىڭ «تۆت ئۇلۇغ»نى دەل ئىگىلەش، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشى ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش ۋە يول كۆرسىتىپ بەردى، شۇنداقلا «تۆت ئولۇغ»نى ماسلاشتۇرۇپ ئىزچىللاشتۇرۇشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر