ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «26- ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىدىكى بەش ئاچقۇچلۇق سۆزنى توغرا ئىگىلەش كېرەك(3)

2017.10.10 17:36 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ③ نەزەرىيە جەھەتتە يېڭى نەزەر دائىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يېڭىدىن ئىخچاملانغان «ئىككى يېڭى»نى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك

  پارتىيەمىز نەزەرىيە قۇرۇلۇشىغا ۋە نەزەرىيە ئارقىلىق پارتىيەگە يېتەكچىلىك قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغان پارتىيە بولۇپ، نەزەرىيەنىڭ ئەمەلىيەت بىلەن ئىزچىل بىردەك بولۇشىدا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ كەلدى. يولداش شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، جەزمەن نەزەرىيەنىڭ رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، نەزەرىيە ئىشەنچى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىلدا، پارتىيەمىز ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتەك نەزەرىيە خىسلىتىنى ساقلاپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا ئېلىپ كىرىش بىلەن بىللە، يەنە ھازىرقى جۇڭگودا تەرەققىي قىلىۋاتقان ماركسىزمنىمۇ يېڭى مەنزىلگە ئىلگىرىلەتتى. بۇ يېڭى مەنزىل دەل يولداش شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاساسىدا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بولدى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىغا كىردى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەر يېقىنقى زاماندىن بۇيان ئازاب- ئوقۇبەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، بېيىپ قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدىن؛ سوتسىيالىزمنىڭ جۇڭگودا قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى تارقىتىۋاتقانلىقىدىن ھەم تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى مەنزىل ئېچىۋاتقانلىقىدىن؛ جۇڭگوچە سوتسيالىزمنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشقا يۈزلىنىش يولىنى كېڭەيتىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىپ، ئىنسانىيەت مەسىلىسىىنى ھەل قىلىشتا جۇڭگو ئەقىل- پاراسىتىنى تەقدىم قىلىپ، جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى.

  يۇقىرىقى بۇ «ئۈچ دېرەك بېرىش» دەل يولداش شى جىنپىڭ چىقارغان «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى» دېگەن بۇ مۇھىم نەزەرىيەۋى يەكۈننىڭ تۈپ ئاساسى. ئۇنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18- قۇرۇلتايدىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنىمۇ ئىشقا ئاشۇردى. پارتىيەمىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى ئىزدىنىشى، يېڭى ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى قەدەم تاشلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىگە يېپيېڭى دەۋر مەزمۇنىنى قوشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نەزەرىيە لوگىكىسىنى تېخىمۇ سىستېمىلاشتۇردى، ھەر قايسى جەھەتلەردىكى قانۇنىيەتلەرنى تېخىمۇ تولۇق ئىگىلىدى، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى تېخىمۇ پىشىپ يېتىشكە يۈزلەندۈردى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەمەلىيەت جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى، يېڭى تەرەققىيات قارىشى ھەم ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىر يۈرۈش ئىقتىسادىي سىياسەت، رامكىلارنىڭ ئىلمىيلىكى، يېتەكلەشچانلىقى، ئۈنۈمچانلىقى پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇشىنى نامايان قىلىپلا قالماستىن، يەنە ھازىرقى زاماندىكى ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىش مۇساپىسىدە ئورتاق دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم ئەتكەنلىكىدە نامايان قىلىندى.

  دەۋر ئىدىيەنىڭ ئانىسى، ئەمەلىيەت نەزەرىيەنىڭ مەنبەسى. يولداش شى جىنپىڭ: بىز تېز ئۆزگىرىۋاتقان دەۋردە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى ئۇلۇغ كۈرەشتە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، چوقۇم ماركسىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدا دۇچ كېلىۋاتقان بىر قاتار مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرنى تېخىمۇ كەڭ نۇقتىئىنەزەر، تېخىمۇ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن ئويلاپ ۋە ئىگىلەپ، نەزەرىيە جەھەتتە يېڭى نەزەر دائىرىمىزنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يېڭىدىن ئومۇملاشتۇرۇشىمىز كېرەك دەپ تەكىتلىدى. بۇ «ئىككى يېڭى»نى ئوتتۇرىغا قويۇش ھازىرقى دەۋر ئۆزگىرىشى ۋە دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ كەڭ دائىرىلىكى، چوڭقۇرلۇقىنىڭ ماركسىزملىق كىلاسسىك يازغۇچىلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تەسەۋۋۇرىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەن يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىغا مىسلىسىز يېقىنلاشقان، دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە مىسلىسىز يېقىنلىشىۋاتقاندا پارتىيەمىز نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىنى تېزلىتىشكە جۈرئەت قىلىپ ۋە ماھىر بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىپ، 21- ئەسىردىكى ماركسىزمنىڭ تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، ھازىرقى زامان جۇڭگو ماركسىزمىدا تېخىمۇ شانلىق ھەقىقەت نۇرىنى چاقنىتىپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيىتىنى ئىزچىل دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭغۇزغۇسى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر