ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «26- ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىدىكى بەش ئاچقۇچلۇق سۆزنى توغرا ئىگىلەش كېرەك(2)

2017.10.10 17:36 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ② يېڭى تارىخىي پەللىدىكى «ئۈچنى پۇختا ئىگىلەش» كېرەك

  سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ دۆلەت ئەھۋالىنى پۇختا ئىگىلەش، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكىنى پۇختا ئىگىلەش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى پۇختا ئىگىلەشتىن ئىبارەت بۇ «ئۈچنى پۇختا ئىگىلەش»نى يولداش شى جىنپىڭ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى يەكۈنلەش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويغان. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئالاھىدە بەش يىل بولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھازىرقى دۇنيا ۋە زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، ئەمەلىيەت تەلىپى ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، بىر قاتار مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم فاڭجېن، سىياسەتلەرنى چىقىرىپ، بىر قاتار مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈردى؛ بولۇپمۇ «ئىككىنى كۈچەيتىش»، «يەتتىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك»تىن ئىبارەت يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش خاراكتېرىگە، ئىجادچانلىققا ئىگە توققۇز جەھەتتىكى خىزمەت ئارقىلىق ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىشنى ئويلاپ كەلگەن بولساقمۇ، ئەمما ھەل قىلىنمىغان نۇرغۇن قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى بېجىرىشنى ئويلىغان بولساقمۇ، ئەمما بېجىرەلمىگەن نۇرغۇن چوڭ ئىشنى بېجىردى. بۇ بەش يىلدىكى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلەر دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى تارىخىي پەللىگە كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا باشلاپ كىردى.

  «ئۈچنى پۇختا ئىگىلەش»نىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ھازىرقى دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى، پارتىيە ئەھۋالىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا توغرا ھۆكۈم قىلىپ، فاڭجېن بېكىتىش، پىلان تۈزۈشنى ئاساسقا ئىگە قىلىش؛ ئىچكى جەھەتتىكى لوگىكىسى بولسا سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ دۆلەت ئەھۋالىنى پۇختا ئىگىلەش، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكىنى پۇختا ئىگىلەش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى پۇختا ئىگىلەش؛ تېگى- تەكتىدىن ئالغاندا دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تېخىمۇ توغرا ئىگىلەش ئۈچۈن، يېڭى دەۋر شارائىتىدا، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ چوڭ سىياسەت- فاڭجېنلىرىنى يېڭى تەلەپ بويىچە تۈزۈپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە تۈرلۈك سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت.

  دۆلىتىمىزدە سوتسىيالىزمىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى 100 يىل داۋاملاشقان ئۇزاق ئەمەلىيەت جەريانىدا، ھەر قايسى كونكرېت تەرەققىيات باسقۇچىنىڭ ھەممىسىدە ماس باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلغا يېقىن تەرەققىيات ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى؛ خەلقنىڭ تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى تېخىمۇ كۈچەيدى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجىدا كۆپ خىللىق، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تەرەپلىك ئالاھىدىلىك گەۋدىلىنىپ، ئۇلار تېخىمۇ ياخشى مائارىپ، تېخىمۇ مۇقىم خىزمەت، تېخىمۇ قانائەتلىنەرلىك كىرىم، تېخىمۇ ئىشەنچلىك ئىجتىمائىي كاپالەت، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى، تېخىمۇ راھەت تۇرالغۇ مۇھىتى، تېخىمۇ گۈزەل مۇھىت، تېخىمۇ مول مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنىڭ بولۇشىغا تەقەززا بولدى. بۇ، يېڭى تارىخىي پەللىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى سەۋىيەسى ۋە خەلقنىڭ ئېھتىياجىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى تەرەپتە يېڭى مۇھىم ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ خىل ئۆزگىرىشنى تونۇش، ئىگىلەش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكىنى تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزم مېتودولوگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تارىخ ۋە رېئاللىق، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈش جەھەتتە، ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي ئورنى جەھەتتە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىش جەھەتتە ئويلىنىپ، توغرا يەكۈن چىقىرىش ئۈچۈندۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن، يولداش شى جىنپىڭ پۈتكۈل پارتىيەنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ دۆلەت ئەھۋالىنى پۇختا ئىگىلەپ، سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ ئەمەلىيەتنى پۇختا مەۋقە قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ توغرا ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدە كۆرۈلگەن تۈرلۈك مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئوموميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا بېسىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر