ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قۇرۇپ چىقايلى

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى تەتقىقات مەركىزىدىن خەن جېنلى

2017.10.05 12:11 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىزدىنىشلەر ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتىن سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكىچە بولغان مۇھىم ھۆكۈم ۋە ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تەشكىل قىلىش قاتلىمىدىن قارىغاندا باي- قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق بولۇش دۆلەت قاتلىمىنىڭ قىممەت نىشانى؛ ئەركىن، باراۋەر، ئادىل، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان بولۇش جەمئىيەت قاتلىمىنىڭ قىممەت يۈزلىنىشى؛ ۋەتەنپەرۋەرلىك، كەسىپنى سۆيۈش، سەمىمىي، دوستانە بولۇش پۇقرالارنىڭ شەخسىي قاتلىمىنىڭ قىممەت ئۆلچىمى بولدى، ئۇلار سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى بىرلىكتە تەشكىللىدى، شۇنداقلا ئۇ يەنە كىشىلەرنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشىنىڭ ئىدىيەۋى كۆرسەتمىسى ۋە ھەرىكەت قىبلىنەماسىنى تەشكىل قىلدى.

  بىرىنچى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنىڭ نەزەرىيەۋى ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش كېرەك


  قىممەت قارىشى مەدەنىيەتنىڭ يادروسى، ئۇ ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى جەھەتلىرىگە سىڭىپ كىرگەن بولۇپ، كىشىلەرنىڭ قىممەت باھاسى ۋە قىممەت تاللىشىغا، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنىڭ مەزمۇنى بولۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنىڭ تۈپ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنىڭ مول مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئۇ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنىڭ يۈكسەك ئىخچاملىنىشى ۋە مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى.

  سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۇل قۇرۇلۇشى بولۇپ، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى، پۈتكۈل پارتىيە، مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى ئورتاق ئىدىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ؛ ئۇ ئېلىمىز ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ زۆرۈر تەلىپى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان كۈرەش نىشانى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇھىم نەزەرىيە تىرىكى بىلەن تەمىنلىگەن.

  سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسى ۋە ئېتىقادىنى تۇرغۇزۇشقا پايدىلىق بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇستەھكەم ئىدىيەۋى، سىياسىي ئاساس سالىدۇ.

  سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قىممەت يۈزلىنىشىنى يېتەكلەپ، جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئاساسىي ئەخلاق ئۆلچىمى ۋە ياخشى كىشىلىك مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە، جەمئىيەتنىڭ خاتىرجەم، تەرتىپلىك ۋە ياخشى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق.

  سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋەتەنپەرۋەرلىك يادرو قىلىنغان مىللىي روھ ۋە ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش يادرو قىلىنغان دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا پايدىلىق. ئۇلۇغ ئىشلاردا ئالىيجاناپ روھ ئارقىلىق كۈرەش ئىرادىسىنى ئىلھاملاندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، ئالىيجاناب روھ ئۇلۇغۋار ئىشلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىگە تىرەك ۋە تۈرتكە بولىدۇ. بىرىنچى، ۋەتەنپەرۋەرلىك يادرو قىلىنغان مىللىي روھ بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى ئورگانىك بىرلىشىپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلىشىنىڭ قۇدرەتلىك مەنىۋى تايانچىغا ئايلاندى. ئىككىنچى، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش يادرو قىلىنغان دەۋر روھى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ ھەر قايسى جەھەتلىرىگە چوڭقۇر سىڭىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىنىڭ قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچىگە ئايلاندى.

  ئىككىنچى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش كېرەك


  ئىچكى- تاشقى ۋەزىيەتنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىشتىن قارىغاندا دۆلىتىمىز زور تەرەققىيات، زور ئۆزگىرىش، چوڭ تەڭشەش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، دۇنيا مىقياسىنىڭ ئىدىيە- مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، بىرلەشتۈرۈش، تىركىشىش ۋەزىيىتىدىكى قىممەت قارىشىدا بەسلىشىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەتكە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇۋاتقان شارائىتتىكى ئىدىيەۋى ئاڭنىڭ كۆپ مەنبەلىشىش، كۆپ خىللىشىشتەك يېڭى ئالاھىدىلىكىگە دۇچ كەلمەكتە، بۇنىڭ ئۈچۈن، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئاساسىي ئېقىم قىممەت قارىشىنىڭ تەسىر كۈچىنى زورايتىپ، دۆلەت مەدەنىيىتىنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى كۈچەيتىشىمىزگە جىددىي توغرا كېلىدۇ.

  مىللەت ۋە خەلقنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى يۈكسەلدۈرۈشتىن قارىغاندا يادرولۇق قىممەت قارىشى مەنىۋى تۈۋرۈك، شۇنداقلا ھەرىكەت يۆنىلىشى، ئۇ كىشىلەرنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىش، مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىشتا ئۇللۇق، ھەل قىلغۇچلۇق رول ئوينايدۇ. ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان، ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلگەن سوتسىيالىستىك جەمئىيەت قۇرۇشتا چوقۇم ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ھەر قايسى جەھەتلىرىدىكى تۈزۈملەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىللە، سوتسىيالىزمنىڭ روھ ۋە قىممەت قاتلىمىدىكى ماھىيەتلىكى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش كېرەك.

  مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۇلۇغۋار نىشانىغا يېتىشتىن قارىغاندا يادرولۇق قىممەت قارىشى بىر دۆلەتنىڭ مۇھىم مۇقىملىغۇچىسى بولۇپ، قۇدرەتلىك ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى، چاقىرىق كۈچىگە ئىگە يادرولۇق قىممەت قارىشىنى بەرپا قىلىپ جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىغا، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، كەڭ كۆلەمدىكى ئورتاق قىممەت تونۇشى ۋە ئورتاق قىممەت ئىنتىلىشى بولۇشى كېرەك.

  دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپىدىن قارىغاندا يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش، ئىجتىمائىي ئاڭلارنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈش دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ مۇھىم تەرىپى.

  بۇنىڭدىن سىرت، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇشمۇ چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، قەدىمدىن ھازىرغىچە جۇڭگودىن چەت ئەلگىچە بولغان دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، ئەلنى خاتىرجەم قىلىپ دۆلەتنى مۇستەھكەملەش تەجرىبە- ساۋاقلىرىنىڭ بىزگە بەرگەن چوڭقۇر ئىلھامى. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش پارتىيەمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ قىممەت قاتلىمىغا بولغان ئىزدىنىشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەنلىكتىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك مەنىۋى تايانچقا ئىگە قىلغان.

  ئۈچىنچى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك


  يادرولۇق قىممەت قارىشى مەنىۋى تۈۋرۈك، ھەرىكەتنىڭ يۆنىلىشى، ئۇنىڭغا بىر مىللەت، بىر دۆلەتنىڭ مەنىۋى ئىزدىنىشى مۇجەسسەملەنگەن. مەنىۋى ماكان كىشىلەرنىڭ ھايات يولىنى تېپىشىدىكى ئىدىيەۋى بازىسى، تىرىشىپ ئىلگىرىلەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى. يېڭى تارىخىي شارائىتتا «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چوقۇم سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىدىن پايدىلىنىپ، ھازىرقى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قۇرۇپ چىقىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. شىنجاڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى يېزىپ چىقىشتا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تىرىشىپ يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى ياخشى قۇرۇپ چىقىش زۆرۈر.

  مەنىۋى ماكاننىڭ بەرپا قىلىنىشى جەمئىيەتنىڭ ئىچكى ئېتىقادىنى ئاساس قىلىدۇ. دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك دۆلەت، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ھازىر ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىمىزدىكى ئىچكى ئېتىقاد ئاساسىمىزغا ئايلاندى، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتىكى ئورتاق قىممەت ئىنتىلىشىمىزگە ئايلاندى.

  ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى چوڭقۇر، ئۇزاققىچە قانات يايدۇرۇش كېرەك. جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئېڭى ۋە قارىشى ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق يولىنى تېپىشىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچ بولۇپ قالدى. دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى پۈتكۈل جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئەتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مەڭگۈ گۈللىنىشىنىڭ سىرى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئىجتىمائىي ئېڭى، ئەخلاق قارىشى ۋە مىللىي روھىدۇر. جۇڭگو خەلقى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشنى ئەزەلدىن ئۆزلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ۋە ئالىي بۇرچى قىلىپ كەلگەن. ھەر مىللەت ئاممىنى ۋەتىنىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخى، شانلىق مەدەنىيىتى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ كۈرەش مۇساپىسىدىن كۈچ ئېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش شەرەپ تۇيغۇسى، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان «ئۈچ خىل كۈچ»كە، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

  جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈش كېرەك. «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئورتاق قوغداش كېرەك. نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق بىر- بىرىدىن ئايرىلماي، ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، بىر- بىرىگە زىچ باغلانغان، شەرەپ ۋە نومۇستا بىللە بولىدىغان تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىنى شەكىللەندۈرگەن. تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە دېگەن نېمە؟ ئۇ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش دېمەكتۇر. ئالايلۇق، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش زۆرۈر بولۇپلا قالماستىن، يەنە كېلىپ رايون ۋە كىشىلەر توپىدىكى ھەرقانداق بىرىنى چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ. «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرىنىڭمۇ كەم بولۇشىغا، بىرىنىڭمۇ سەپتىن چۈشۈپ قېلىشىغا بولمايدۇ». بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي قارارى، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. بىز «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقنى تۈگىتىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى بەھرىلەندۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى مەملىكەت خەلقى بىلەن تەڭ قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە ئاتلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ھەر مىللەت خەلق تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە بولغان ئىكەن، ئۇنداقتا ھەر مىللەت خەلق چوقۇم زىچ ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك. تارىخ ۋە رېئاللىق بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھاياتلىق جان تومۇرى، كۈچ ۋە ئۈمىد مەنبەسى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئورتاق يۇرت- ماكانىمىزنى، ئورتاق مەنپەئەتىمىزنى قوغدىغانلىقتۇر. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش داۋامىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇنى مەكتەپ تەربىيەسى، ئائىلە تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسىنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى داۋاملىق پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇشىمىز كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئۇل تېشى.

  «تۆت ئىشەنچ» تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىشەنچ بىر دۆلەت، بىر مىللەت، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان بىر پارتىيەنىڭ ئۆز قىممىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە، ئۆز ھاياتىي كۈچىگە بولغان قەتئىي ئىخلاسىدۇر. «تۆت ئىشەنچ» تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇلۇغ ئىشلىرىمىزغا قارىتا باشتىن- ئاخىر قەتئىي ئىخلاسمەن بولۇشنى، سەمىمىي ئېتىقاد ۋە پولاتتەك ئىشەنچكە تولۇشىمىزنى كۆرسىتىدۇ. «تۆت ئىشەنچ» بىزنىڭ مۇرەككەپ مۇھىتقا تاقابىل تۇرۇش، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى قاتمۇقات مۈشكۇلاتلارنى يېڭىشىمىزدىكى مەنىۋى تۈۋرۈك، ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەيىمىز. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە «تۆت ئىشەنچ»نى ئەۋج ئالدۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، مول مەزمۇن، جانلىق شەكىل، روشەن باش تېما ئارقىلىق يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشىمىز كېرەك.

  مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەخلاق ئەمەلىيىتى پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك. نەزەرىيە خەلق تەرىپىدىن ئىگىلەنگەندىلا جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىشنىڭ ماددىي كۈچىگە ئايلىنىدۇ. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ نەزەرىيە جەھەتتىكى كېڭىيىش كۈچى ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي ئەمەلىيىتى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پۈتكۈل پارتىيە، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىنچىكە، نازۇك تەرەپلىرىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئاممىۋى مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى پائال ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئىچكى جەھەتتە قەلبلەردە يىلتىز تارتقۇزۇپ، تاشقى جەھەتتە ھەرىكەتتە كۆرسىتىپ، ئۇنى كىشىلەرنىڭ سىياسىي، ئىدىيە، ھەرىكەت جەھەتتىكى ئەڭ تۈپ قىممەت مىزانىغا ھەقىقىي ئايلاندۇرۇش كېرەك. (قەدىرىيە ئەنۋەر تەرجىمىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز