ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ئورتاق ئارزۇ، كۆڭۈللۈك خىزمەت

2017.10.06 19:29 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    راقىمبېك 10- ئاينىڭ 5-كۈنى مەرىيە بىلەن بىللە ئوراپ قاچىلىغان پىشۇرۇقلارنى تىزماقتا.
  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، قومۇل، 5- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. قومۇل شەھىرى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ كۆلياقا يېزىسىدىكى قاراجەنزە كەنتىدە راقىمبېك بىلەن ئۇنىڭ خوتۇنى مەرىيەنى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى «تىرىشچان ئەر- خوتۇنلار» دېيىشىدۇ. كەنتتىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بىر جۈپ ياش يېمەكلىك زاۋۇتى قۇرغاندىن كېيىن، كەنتتىكى ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنى قوزغاپلا قالماي، يەنە ئائىلە ئاياللىرىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، كەنتتىكىلەرنى بىرلىكتە بېيىشقا يېتەكلەپتۇ.

  راقىمبېك بىلەن خوتۇنى مەرىيە ئىككىلىسى قاراجەنزە كەنتىدىن بولۇپ، 2002- يىلى قومۇل رادىيو- تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەش تەييارلىقىغا چۈشكەن. باركۆل ناھىيەسى تەۋەسىدە قازاقچە يېمەكلىك پىششىقلايدىغان بىرەرمۇ زاۋۇت يوقلۇقىنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ ئىككىيلەن بۇنىڭ بىر سودا پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن. ئىككىيلەن مەسلىھەتلىشىپ، قازاقچە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان زاۋۇت قۇرۇشنى قارار قىلغان. ئۇلار بىساتىدا بار-يوقى 200 مىڭ يۈەنگە قەرز ئالغان 100 مىڭ يۈەننى قوشۇپ، زاۋۇتنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مەبلىغى قىلغان. مەرىيە ئاتايىن ئۈرۈمچىگە بېرىپ، ئاشپەزلىك مەكتىپىدە ئوقۇپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ تاسباستاۋ يېمەكلىك زاۋۇتى 2016-يىلى 2-ئايدا رەسمىي ئىش باشلىغان. زاۋۇتتا سۈت ياسالمىلىرى، جېنت، پېچىنە، ئەشمە قۇيماق قاتارلىق 20 نەچچە خىل يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىلىپ، قۇمۇل شەھىرىنىڭ ئاراتۈرك ناھىيەسى، باركۆل ناھىيەسى ھەم سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى 90 نەچچە ماگىزىندا سېتىلغان، ھازىر ئايلىق ساپ كىرىمى 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولۇۋېتىپتۇ.

  بۇ ئەر-ئايال ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلانغاندىن كېيىن، ئەتراپىدىكى قىيىنچىلىقى بار يۇرتداشلىرىنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىغان. ئۇلار كەنتتىكى تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىقى بار سەككىز نەپەر قازاق ئايالغا ھەقسىز ماھارەت ئۆگىتىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ زاۋۇتىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.
    راقىمبېك 10- ئاينىڭ 5-كۈنى مەرىيە بىلەن بىللە ئۇن تارتماقتا.
    راقىمبېك(سولدا) مەرىيە بىلەن بىللە كەنتتىكى تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىدىن ھال سورىدى.(8-ئاينىڭ 15-كۈنى تارتىلغان).
    مەرىيە 10- ئاينىڭ 5- كۈنى مەھسۇلات ئوراپ- قاچىلىماقتا.
    سۈرەتتە: راقىمبېك(ئوڭدا) سىرتقا سېتىش ئۈچۈن ئوراپ تەييارلانغان پىشۇرۇقلارنى ئاپتوموبىلغا باسماقتا.(8-ئاينىڭ 15-كۈنى تارتىلغان). (شىنخۇا ئاگېنتلىقى فوتوسى، تورىمىز تەرجىمىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز